—参考资料
ھەمراھ
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ئاي (ئاي شارى) يەر شارىنىڭ ھەمراھى، ئۇ خۇددى بىر ساداقەتمەن قوغدىغۇچىغا ئوخشاش ئىزچىل تۈردە يەر شارىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىدىن نۇر تارقاتمايدۇ، يورۇق ئاي نۇرى ئاي شارىنىڭ قۇياش نۇرىنى قايتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. قۇياش سىستېمىسىدا بىرقانچە سەييارىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ «قوغدىغۇچىسى» بار، يەنە كېلىپ بەزى سەييارىلەرنىڭ «قوغدىغۇچىسى» يالغۇز بىرلا ئەمەس. بەزى سەل چوڭ ھېسابلىنىدىغان كىچىك سەييارىلەرنىڭمۇ ئۆزىنىڭ «قوغدىغۇچىسى» بار. ئۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ھەمراھ دەپ ئاتىلىدۇ.
قۇياش سىستېمىسى ئىچىدە بايقالغان ھەمراھلاردىن تەخمىنەن50 ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، يەر شارىنىڭ پەقەت بىرلا قوغدىغۇچىسى − ئاي بار؛ ساتۇرننىڭ ھەمراھى ئەڭ كۆپ بولۇپ،20 دىن ئاشىدۇ. ئاينى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ھەمراھلارنى ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ.
نۇرغۇن ھەمراھلار بىلەن سەييارىلەر ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسى ئورتاق تەكشىلىكچانلىق، تەخمىنىي يۇمىلاقچانلىق، ئوخشاش يۆنىلىشچانلىققا ئىگە، شۇنداقلا ئۆزلىرى قوغداپ تۇرغان سەييارىلەر بىلەن مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە ئارىلىق ساقلاپ جايلاشقان بولىدۇ، بۇنداق ھەمراھلار تەرتىپلىك ھەمراھلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇخىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمىغان ھەمراھلار تەرتىپسىز ھەمراھلار دەپ ئاتىلىدۇ.
ھەمراھلار سەييارىلەرنىڭ ئەتراپىدا ئاساسەن ئىككى خىل ئۇسۇل بويىچە ئايلىنىدۇ. بىرى، سەييارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن بىردەك بولىدۇ، بۇ ئوڭ ئايلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىرى، سەييارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن قارىمۇقارشى بولىدۇ، بۇ تەتۈر ئايلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. قۇياش ئەتراپىدا ئايلانغاندىن تاشقىرى، ھەمراھلار يەنە ئۆز ئوقى ئەتراپىدىمۇ ئايلىنىدۇ.
ھەمراھنىڭ خىلمۇخىل خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن شۇنى خۇلاسىلەشكە بولىدۇكى، ھەمراھنىڭ ھاسىل بولۇش شەكلى ئوخشاشلا خىلمۇخىل بولىدۇ. قۇياش سىستېمىسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەسىلىسىگە ئوخشاش، بۇ مەسىلە توغرىسىدا نۆۋەتتە تېخى ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىدى.