Uyghur→Chinese主要词典
لۇئاندا
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
罗安达
luó ān dá
دۇنيادىكى شەھەرلەر
罗安达
luó ān dá
ئانگولا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى، مۇھىم سنائەت مەركىزى. بۇ شەھەر بېنگو قولتۇقىنىڭ يېنىغا، كۋانزا دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. ئاھالىسى 934 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). لۇئاندا شەھىرى 1575 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، شەھەرنىڭ تولۇق نامى <سان پاۋلۇلۇ ئاندا> بولۇپ، قىسقارتىلىپ لۇئاندا دەپ ئاتىلىدۇ. لۇئاندا ئانگولانىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايدا كۆلىمى خېلى چوڭ بولغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق فابرىكىسى ۋە باشقا يېمەك - ئىچمەك، سېمونت، ئاليۇمىن، شېكەر، قەغەز قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. لۇئاندا تەبىئىي پورت بولۇپ، بۇ جاي ئارقىلىق نېفىت، تۆمۈر رۇدىسى، كوفى، تالالىق ئاگاۋى، شېكەر قومۇشى، پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. تۆمۈر يول ئارقىلىق شەرقتىكى مالانژې، دوندو شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەھەرنىڭ يېنىدا خەلقئارا ئايرودرومى بار.