Uyghur主要词典
بېلىز
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئامېرىكا
ماياكقا ئوخشاش يورۇق جاي
مېكسىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، كارىپ دېڭىز بويىغا جايلاشقان دۆلەت. بۇ ئورۇن 1973 - يىلىدىن ئىلگىرى ئەنگلىيىگە قاراشلىق گوندوراس دەپ ئاتالغان، 1980 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مۇستەقىل بولغاندىنكېيىن دۆلەت نامىنى بېلىز جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. بىراق ئۇ يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىز ئەزاسى. بېلىز دېگەن نام شۇ دۆلەتتىكى ۋاللىس دېگەن دەريانىڭ نامىغا ئاساسەن قويۇلغان. بېلىزنىڭ يەر مەيدانى 22 مىڭ 965 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، دۆلەتنىڭ شىمال قىسمىنى تۈزلەڭلىك، سازلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. جەنۇبىدا مايا تاغلىرى جايلاشقان. دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىزدا قۇرۇقلۇق دېڭىز قىرغىقى بىلەن شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىزدا قۇرۇقلۇق دېڭىز قىرغىقى بىلەن تەكشى سوزۇلغان دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ مارجان ئاراللىرى بار. بېلىزنىڭ ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25 -℃27 بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتر، جەنۇبىي قىسمىدا 4000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. ھاۋاسى ئىسسىق، ھۆل - يېغىنى مول بولغانلىقتىن دۆلەتنىڭ %70 يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي تەرەپتىكى دېڭىز قىرغاقلىرىدا مول نېفىت بايلىقى بار. بېلىزنىڭ ئاھالىسى 160 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى قارا ۋە ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكى خەلقلەر، قالغىنىنى ئىندىئانلار، نېگىرلار، ئاق تەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى بىلەن ئىسپان تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. بېلىز ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. %60 تىن كۆپرەك ئەمگەك كۈچى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا شېكەر قومۇشى، ئاپېلسىن، بانان، پالما، شال، كۆممىقوناق، پۇرچاق قاتارلىق زىرائەت ۋە مېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چەت ئەللەرگە شېكەر ئېكسپورت قىلىدۇ. ئۇنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز، ئاساسلىق شېكەر ۋە ئورمانچىلىق سانائىتى بار. شېكەر سانائىتى ئەنگلىيە كاپىتالىستلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ.
بېلىز ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. شەرقتە كارىپ دېڭىزىغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىچنى، تەۋەسىدىكى ئاساسلىق دەريا بېلىز دەرياسىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. يەنى فرانسۇز تىلى balise (ماياك، لەيلىمە بەلگە) دىن پەيدا بولغان دەپ قارىلىدۇ. بەزىلەر پايتەخت ۋاللېس دەرياسى ( Wallis) بويىغا قۇرۇلغاچقا شۇنداق ئاتالغان دەيدۇ. بۇ دەريانىڭ نامى شوتلاندىيە تەۋەككۈلچىسى wallace Peter ياكى wallis Peter نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. بۇ ئادەم 1610 - يىلى بۇ جايغا كېلىپ، پۈتكۈل بېلىزنى يۈتىۋالماقچى بولغان. ئىسپان تىلىدا W ھەرپى بولمىغاچقا، wallis سۆزى Vallis قا ئۆزگىرىپ، Balis ياكى Belice دەپ ئوقۇلغان؛ ئىككىنچى، 1638 - يىلى شوتلاندىيىلىك دېڭىز قاراقچىسى بوت. ۋېلىز دەسلەپ بۇ جايغا كەلگەن ۋە ئۇنى بېىسۋالغان، كېيىن كىشلەر مۇشۇ دېڭىز قاراقچىسىنىڭ ئىسمىدا بۇ جاينى <بېلىز> دەپ ئاتىغان. بۇ يەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى مايالار بولۇپ، 16 - ئەسىردە ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 17 - ئەسىردە ئەنگلىيە تاجاۋۇز قىلىشقا باشلاپ، 1862 - يىلى بېلىزنى رەسمىي ھالدا ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى دەپ جاكارلىغان ۋە <ھوندۇراس> دەپ ئاتىغان. 1964 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئىچكى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلۈپ، ئەنگلىيىنىڭ ئالاقە فېدېراتسىيىسى بولغان. 1973 - يىلى ئەنگلىيىگە قاراشلىق بېلىزگە ئۆزگەرتىلگەن. 1981 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مۇستەقىل بولغان.
يەر مەيدانى 22.965 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 205 مىڭ، پايتەختى بېلموپان. پۇل بىرلىكى بېلىز دوللىرى.
بىلىزنىڭ دۆلەت بايرىقى تېگى كۆك بولۇپ، ئاستى ۋە ئۈستى بىردىن قىزىل سىزىق بىلەن قىرلانغان، بايراقنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا يېشىل زەيتۇن شېخى بىلەن ئورالغان بىلىز دۆلەت گېربى سىزىلغان. كۆك رەڭ كەڭ ئاسمان بىلەن بىپايان ئوكياننى، قىزىل رەڭ غەلبە بىلەن قۇياش نۇرىنى، يېشىل زەيتۇن شېخى تىنىچلىق بىلەن بىلىزنىڭ مول ئورمان بايلىقىنى بىلدۈرگەن. بىلىز ئىلگىرى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى. 1981 - يىلى سېنتەبىردە مۇستەقىل بولۇپ، ئەنگلىيە فېدېراتسىيسىگە ئەزا بولغان.
بىلىز دۆلەت گېربىگە بىلىزنىڭ دۆلەت دەرىخى ھەم بىلىزلىقلارنىڭ ئىپتىخارى بولغان بىر تۈپ يېشىل پالساندر دەرىخى سىزلغان. بىلىزنىڭ ئورمان بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ %70 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. پالساندر دەرىخىدىن پالساندر ياغىچى، كاسالىپىنىيە ياغىچى ۋە يېقىلغۇ ياغىچى قاتارلىق قىممەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرى كۆپ چىقىدۇ، ياغاچ تەييارلاش سانائىتى خەلق ئىگىلىكىدە ناھايتى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى دولقۇن يېرىپ، ئالغا بېسىۋاتقان يەلكەنلىك كېمە بېلىقچىلىق بىلەن دېڭىز ساياھەتچىلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ سول تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇڭغا بىلىز بىلەن ئەنگلىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلدۈردىغان ئەنگلىيە بايرىقى ۋە گىرەلەشتۈرلۈپ قويۇلغان كالتەك بىلەن پالتا سىزىلغان؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى ھەرە بىلەن پالتا < ئورمان دۆلىتى> بىلىزنىڭ تەرەققىي تاپقان ياغاچ تەييارلاش ئىشلىرىغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىغا پالتا بىلەن كالتەك تۇتۇپ تۇرغان بىردى يەرلىك ئاھالە سىزىلغان بولۇپ، ياغاچ كېسىش بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىدىغان يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ سىمۋولى بولغان. قالقاننىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا بىلىزنىڭ < چوڭ تېرەكنىڭ ئاستى سالقىن> دېگەن خەت يېزىلغان.