—参考资料
خاسىڭ تۈگمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشى 175 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق، خاسىڭ مېغىزى 70 گرام، جاڭيۇ ئازراق، تۇخۇم ئۈچ دانە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇڭپىياز ئازراق، كۈنجۈت يېغى 35 گرام، سامساق كۆكى ئازراق، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، ئاچچىقسۇ ئازراق.
1. قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشى ئۇزۇنلۇقى تۆت سانتىمېتىر، كەڭلىكى بىر سانتىمېتىر قىلىپ قىيپاش يالپاق توغرۇلىدۇ. خاسىڭ مېغىزىنى ياغدا قورۇپ، پوستىنى ئېلىۋېتىلىدۇ.
2. توغرالغان گۆشنىڭ ھەربىر تېلىنىڭ ئىچىگە بىر تالدىن خاسىڭ مېغىزى ئېلىپ تۈگمىچە تۈگۈپ، ئۈچ تەخسىگە بۆلۈپ قويۇلىدۇ.
3. تۇخۇمنىڭ ئاق، سېرىقىنى ئايرىپ، ھەرقايسىسىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، كۈنجۈت يېغى، شېكەر رېڭى (ئاق، قىزىل، كۆك) سېلىپ، ئاق، قىزىل، سېرىق رەڭدىكى ئۈچ خىل قويۇق شىرە تەييارلىنىدۇ.
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ ئالتىنچى دەرىجە ئوتتا قىزىتىپ، تۈگۈلگەن تۈگمىچىلەرنى بىر تەخسىدىكىنى بىر خىل رەڭدىكى شىرىگە چىلاپ، ياغقا سېلىپ پىشۇرۇپ، لەيلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.
5. شورپىغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، جاڭيۇ، تېتىتقۇ تۇز، سوققان قارىمۇچ سېلىپ سۇيۇق شورپا ياسىلىدۇ.
6. قازانغا ياغ قۇيۇپ يەتتىنچى، سەككىزىنچى ئوتتا قىزىتىپ، تۈگمىچىلەرنى ئىككىنچى قېتىم ياغقا سېلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.
7. قازانغا ئازلا ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساقنى سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، پىشقاندا تۈگمىچىلەرنى سېلىپ، ئازلا ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ئىككى ئۆرۈپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.