Uyghur主要词典
چاپ
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
چاچماق، چېپىش. 1. تىغلىق سايمانلار بىلەن كەسمەك، چانىماق، توغرىماق.
چاچقۇ.* يانتاق چاپماق.* دەرەخكە پالتا چاپماق.* ۋاقىت ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ ( ماقال ).
مۇمكىنمۇ چىۋىننى قىلىچتا چاپماق،
شىر قانداقچە پاشىغا ئۇرسۇن شاپىلاق.
2. قازماق، كولىماق. كەتمەن چاپماق، ئۆستەڭ چاپماق.* چېپىق.* ئوڭدا ياتقان گىردە يەپتۇ، كەتمەن چاپقان جىگدە ( ماقال ).
سۇلتان بېگىم سورايدۇ، ئۆستەڭ چاپقانلار نەلىك،
بىز بەگكە نېمە قىلغان، بىكار ياتىدۇ شەلىك.
__ قوشاق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
چاپماق، چېپىش. 1. يۈگۈرمەك.
چاپقۇر، چاپارمەن، چېپىپ كەلمەك.* بەختى بار تاپىدۇ، بەختى يوق چاپىدۇ ( ماقال ).* ئانىينى تاپسام، مىنىپ چاپسام ( ماقال ).
2. ئات سالماق، ئات قويماق. چاپتۇرماق.* تازغا مەنسەپ تەگسە، چەللىدە ئات چاپىدۇ ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل چاپماق، چېپىش.
ھايۋانلار ئەركىكى چىشىسىغا ئارتىلماق، ئۇرۇقلاندۇرماق.
ئايغىر بايتالغا چاپتى.* ھاڭگا ئېشەك مادا ئېشەككە چاپتى.* بۇقا ئىنەككە چاپتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
چاپماق، چېپىش: ئورماق.
چۆپ چاپماق.* تۇرسۇن بۇ يىل يېتەرلىك چۆپ چېپىۋالدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
چاپماق، چېپىش. سۈرمەك، يېپىشتۇرماق.
باشقا يىلىم چاپماق.* دورا چاپماق.* يارىغا مەلھەم چاپماق.* دېرىزىگە قەغەز چاپلىماق.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بېسىش؛ باسما.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
باسما، مەتبەئە؛ بېسىلغان سۈرەت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يالغان، يالغان سۆز، ئويدۇما؛ بولىماق، تالىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
ئۈستۈنكى كالپۇك بىلەن ئاستىقنى كالپۇكنىڭ بىر - بىرىگە تېگىپ ئاجرىشىدىن ۋە لايدا مېڭىشتىن ھاسىل بولغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلار.
شەمشى ئادەتتە لەۋلىرىنى شۈمۈپ <چاپ> قىلىپ ئويناتتى.