Uyghur主要词典
ئۇزلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىرايلىق، گۈزەل، ئۇز ھالەت.
چىرايلىقلىقىدىن ياخشى ئەمەس، ياخشىلىقىدىن چىرايلىق. گۈزەللىك كۆڭۈلگە خوشاللىق بەخش ئېتىدۇ. بۇ خېنىمنىڭ ئۇزلۇقى، ئاپتاپتا قاپتۇ تۇزلۇقى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چىرايلىق... تەرىپى، جەھىتى.
سەتلىك، خۇنۈكلۈك
سەت، خۇنۈك تەرىپى، جەھىتى.
چىرايلىقلىقىدىن ياخشى ئەمەس، ياخشىلىقىدىن چىرايلىق. گۈزەللىك گۈزەل قەلب بىلەن سانىلىدۇ. ئاۋۇ خېنىمنىڭ ئۇزلۇقى، ئاپتاپتا قاپتۇ تۇزلۇقى. خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭدىن نېمە پايدا. سەتلىكىڭنى ئەينەكتىن كۆرمە. بۆرە خۇنۈكلۈكىدىن ئەمەس، قوي يەيدىغانلىقىدىن يامان. گۈل زىبالىقتا سەرۋىدىن قېلىشمايدۇ، سۇباتتا سەرۋىگە يەتمەيدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇيلۇق يەر.
ئېغىلدا كالىلار ياتىدىغان يەر.
ئارغۇچە.
1 - 134
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
چىرايلىقلىق، گۈزەللىك؛ چاققانلىق، ئەپلىكلىك.
- ۋاي ئانىكام، - دېدى ئايپاشا روزىمەتنىڭ مۈرىسىدە تۇرغان چويلىلارغا قاراپ، - بۇ چويلىلارنىڭ ئۇزلۇقىنى، ھەممىسىنى ساتقىلى بولارمۇ؟
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
چىرايلىق، قاملاشقان، كېلىشكەن.