Uyghur主要词典
گائاگا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
1949 - يىل 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ھېندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى، گوللاندىيە يۆلىگەن شتات رايونى گوللاندىيە بىلەن گائاگادا ئىمزالىغان بىرقاتار كېلىشىملەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى مۇنداق: ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن گوللاندىيە يۆلىگەن <شەرقىي ھىندۇنېزىيە قوشما شتاتى> ۋە <كالىمانتان شتاتى> بىرلىكتە ھىندۇنېزىيە قوشما شتات جۇمھۇرىيىتىنى تەشكىل قىلىدۇ، گوللاندىيە 1949 - يىل 12 - ئاينىڭ 03 - كۈنىدىن ئىلگىرى مەزكۇر قوشما شتات جۇمھۇرىيىتىگە <ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش> كېرەك؛ ھىدنېزىيە قوشما شتات جۇمھۇرىيىتى <گوللاندىيە - ھىدۇنېزىيە قوشما شتاتى>غا قاتنىشىشى، گوللاندىيە كوۇرلىۋاسىنى <ئالىي دۆلەت باشلىقى> دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك؛ ھىندۇنېزىيە قوشما شتات جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئەسى، مالىيە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە گوللاندىيە بىلەن <ھەمكارلىشىدۇ>. ھەربىي جەھەتتە، گوللاندىيە ھېندۇنېزىيە قوشۇنىنى قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ھىندۇنېزىيىدە تۇرۇشلۇق غەربىي ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، قوشۇنلارنى تەربىيلەشكە ياردەملىشىدۇ. سابىق گوللاندىيە - ھىندۇنېزىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنى ھىندۇنېزىيە قوشۇنىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. مالىيە جەھەتتە ھىندۇنېزىيە گوللاندىيىنىڭ بۇرۇنقى بارلىق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە سابىق گوللاندىيىگە قاراشلىق شەرقىي ھىندىستان مۇستەملىكە ھۆكۈمتىنىڭ ئچىكى - تاشقى قەرزى بولغان 5 مىليارد رۇپىيىنى تۆلەيدۇ؛ غەربىي ئىرىئاننىڭ سىياسىي ئورنى مەسىلىسىنى، ئىگىلىك ھوقۇقى تاپشۇرۇپ بېرىلگەن كۈندىن تارتىپ بىر يىلغىچە ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ. بۇ كېلىشىم ھىندۇنېزىيىنىڭ يېرىم مۇستەملىكىلىك ئورنىنى بەلگىلەپ قويغانلىقتىن، ھىندۇنېزىيە خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1950 - يىلى 8 - ئايدا، ھىندۇنېزىيە <قوشما شتات جۇمھۇرىيىتى> نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1956 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بۇ كېلىشىم پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغان.