Uyghur主要词典
تەرلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بەدەندىن تەر چىقماق، تەر باسماق.
كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىمەك.
كۆچمە. ئەجىر قىلماق، تەر تۆكمەك.
پىشىپ قالدى بۇغدايلار، تەييار تۇرۇڭ دېھقانلار. بۇزماي، چاچماي ئورۇڭلار، تەرلەپ ئەمگەك قىلدىڭلار.
كۆچمە. خىجالەت تارتماق، تەڭلىكتە قالماق؛ سارغايماق، ئۇيالماق.
قاسىم كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىدا خېلىلا تەرلىدى.