Uyghur主要词典
چاتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر _ بىرىگە باغلىماق.
چاتقاننىڭ چاتىقى يوق، چاتاقنى چاتقىلى بولمايدۇ. ئۇلىغانغا ئۇنىمىغان، يۇنىغانغا ئۇنايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇ يەر - بۇ يەردىن تىكىپ قويماق، ئۇلىماق، بىرىكتۈرمەك، بېكىتمەك.
يەڭنى چاتماق. باشلىقنى چاتماق.
باغلىماق، تاڭماق، چىگمەك، بوغماق.
ئۇلاغنى چاتماق.
تىركىمەك، سۆرەتمەك.
بىرىنچى ماتورلۇق كېمە ئارقىسىغا بىر پۇقرا قېيىقنى چېتىۋالغانىدى.
كۆچمە. باغلىماق، بىرلەشتۈرمەك.
ئۇ ئادىل بىلەن ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى خېلى ۋاقىتلاردىن بۇيان بىللە چېتىپ چۈشىنىشكە باشلىدى.
كۆچمە. بىر - بىرىگە قوشماق، توينى قىلماق.
نەۋرىنى نەۋرىگە چاتماق. ئۆگەينى ئۆگەيگە چاتماق.