English→Uyghur主要词典
CentralAfrica
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
The Central African Republic
ئوتتۇرا ئافرىقا
-جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن كەلگەن
ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت، ئۇ ئەتراپتا چاد، كامېرون، كونگو، زايىر، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 226 مىڭ 984 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 2 مىليون 460 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى سۇدان تىل سىستېمىسىدىكى باندا، ئازاندې، دوئارا خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىپتىدائىي دىنلارغا (60%)، قالغانلىرى خرىستىئان، كاتولىك (5%)، ئىسلام (5%) دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يەرلىك خەلقلەرئ ومۇميۈزلۈك سانگو تىلىنى قوللىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى ئىشلىتىدۇ. پايتەختى بانگى شەھىرى. ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ قىسىم يېرىنى 600-900 مېتىر ئېگىز كېلىدىغان ئازاندې ئېگىزلىكى ئىگىلەيدۇ، بۇ جاينىڭ يەر ئۈستى كۆپ پارچىلانغان بولۇپ، چوڭقۇر جىلغىلار كۆپ. ئەڭ ئېگىز نىگايا چوققىسى 1420 مېتىر كېلىدۇ. ئېگىزلىكنىڭ شىمالىي، جەنۇبىي قىسىملىرىغا ئېدىرلىق، ئويمانلىقلار تارقالغان، دەريالىرى شىمال، جەنۇب يۆنىلىشىدە ئېقىپ كونگو دەرياسى بىلەن چاد كۆللىرىگە قۇيۇلىدۇ. لوگون، شارىي، ئوبانگى، سانگا دەريالىرى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى چوڭ دەريالار بولۇپ، سۇ ئېنېرگىيە بايلىقى مول. دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسىملىرى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا، جەنۇبىي تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ھۆل - يېغىنى شىمالدا 1000 مىللىمېتىر، جەنۇبىدا 1500 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 20℃-30℃ ئارىلىقىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى مول بولغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ 7 مىليون 400 گېكتار يېرىنى ئورمان، قالغان قىسمىنى ساۋاننا ئوتلاقلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا ئافرىقىدا 9 - ئەسىردىن باشلاپ قەبىلىلەرنى ئاساس قىلغان كىنەزلىكلەر بارلىققا كەلگەن. 1885 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بېسىپ كىرىشكە باشلىغان، 1894 - يىلى پۈتۈنلەي فرانسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1910 - يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق ئېكۋاتور ئافرىقىسىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1958 - يىلى فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى دائىرىسىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولغان. 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ئوتتۇرا ئافرىقا يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، ئاھالىنىڭ 85% ى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 33% نى، ئېكسپورتىنىڭ 47% نى تەشكىل قىلىدۇ (1984). يېزا ئىگىلىكىدە تېرىق تىپىدىكى زىرائەتلەر بىلەن قوناق، شال ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىقتىسادىي زىرائەتلىرىدىن كېۋەز، خاسىڭ، كوفى، ئەرەب كاۋچۇكى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي، كالا، چوشقا بېقىلىدۇ. دەريا، كۆللەردىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. سانائەتتە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كانچىلىق، چىگىت ئايرىش سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. چەت ئەللەرگە پاختا، ئالماس، گۆش، چارۋا، تېرە، ئەرەب كاۋچۇكى ئېكسپورت قىلىدۇ. يېقىلغۇ، ئاپتوموبىل، ئاشلىق، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، مېتال بۇيۇملىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ.
ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ تولۇق نامى <ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان. دۆلەت نامى بۇ دۆلەتنىڭ ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقانلىقىغا قارىتا قويۇلغان. بۇ دۆلەت مۇستەقىل بولغان چاغدا، پارلامېنىت دۆلەت نامىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، بەزىلەر يېڭى دۆلەتنى ئېكۋاتور جۇمھۇرىيىتى ياكى ئېكۋاتور دۆلىتى دەپ ئاتاش تەكلىپىنى بېرىدۇ. نەتىجىدە بۈيۈك پارلامېنت باشلىقى بۇگاندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلىدۇ. چۈنكى لاتىن ئامېرىكىسىدا ئاللىبورۇن بىر ئېكۋتور دۆلىتى يەنى ئېكۋاتور بولغاچقا، ھەمدە كونگو دەرياسىدىن ئوتتۇرا سەھرايى كەبىر چۆللۈكىگە سوزۇلغاچقا، ئوتتۇرا ئافرىقا دەپ ئاتاش، جۇغراپىيىدە مەنتىقىغە بەك ئۇيغۇن ئىدى. ئوتتۇرا ئافرىقا رايونى (ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى) بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۆلەت نامى ئادەتتە تولۇق ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئافرىقا قەدىمدە ئۇبانجىسارى دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ شۇ دۆلەتتىكى ئۇبانج (جەنۇبتا) ۋە سارى (شىمالدا) دەريالىرىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان. مىلادى توققۇزىنچى ئەسىردىن 16 - ئەسىرگىچە ئۇبانجىسارىدا بانجاسور، رافائىل ۋە زىمرو پادىشاھلىقلىرى قۇرۇلغان. 1885 - يىلى فرانسىيە بېىسپ كىرىپ، يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1891 - يىلى 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1976 - يىلى بوكاسسو ئۆزىنى ئىمپېراتۇر جاكارلاپ، نامىنى ئوتتۇرا ئافرىقا ئىمپېرىيىسىگە ئۆزگەرتكەن. 1979 - يىلى 9 - ئايدا بوكاسسو تەختتىن چۈشۈپ، جۇمھۇرىيەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ يەر مەيدانى 623 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 3 مىليون 400 مىڭ. فرانسۇز ۋە سانگو تىللىرى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. 65% ئاھالە ئىپتىدائى دىنلارغا، 35%ى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى بانگى، پۇل بىرلىكى ئافرىقا پۇل مۇئامىلە ئورتاق گەۋدىسى فرانكى.
ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ ئەسلى نامى < ئۇبانگى - شارى > بولۇپ، 1891 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. 1958 - يىلى دېكابىردا < ئىچكى ئاپتونومىيە> يولغا قۇيۇلغان. شۇ يىلى تۈزۈلگەن دۆلەت بايرىقى ھازىرغا قەدەر ئىشلىتلمەكتە. بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىزىل تىك سىزىق كۆك، ئاق ، يېشىل ۋە سېرىق رڭلىك بەلدەمنى كېسىپ تۇرغان. بەش خىل رەڭدىكى بۇ دۆلەت بايرىقى ھەم پان ئافرىقاتۈسىنى، ھەم فرانسىيە دۆلەت بايرىقىدىكى كۆك ئاق ۋە قىزىل رەڭنى قۇبۇل قىلغان. بايراقنىڭ ئۈستىدىكى سول بۇلۇڭدا بىر بەش بۇرجەكلىك سېرىق يۇلتۇز چاقنىغان، ئۇ ئوتتۇرا ئافرىقا خەلقىنى كېلەچەككە يېتەكلەپ ماڭىدىغان پارلاق يۇلتۇز ھەم ئەركىنلىل ۋە ئۈمىدىىىڭ سىمۋولىدۇر. كۆك، ئاق، قىزىل رەڭدە تىنچىلىق ۋە پىداكارلىق روھى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن. يېشىل رەڭ جەنۇبتىكى ئىسسىق بەلۋاغنىڭ قويۇق ئورمانلىققا ۋەكىللىك قىلىنغان. سېرىق رەڭ شىمالدىكى ئىسسىق بەلۋاغنىڭ كەڭ ئوتلاق ۋە قۇملۇقلىرىنى كۆرسەتكەن.
دۆلەت گېربىنىڭ ئىسسىق بەلۋاغنىڭ ئۈستىدىكى ئاق لېنتىغا سانگېلارنىڭ < جىمى ئالەمدىكى كىشىلەر تەڭ باراۋەردۇر> دېگەن سۆز يېزىلغان. ئاق پى بېشى بىلەن يېشىل دەرەخ ئۇلارنىڭ تەبىئى بايلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدۇر؛ سول تەرەپنىڭ ئاستىدىكى ئۈچ بىرىلىيانت دۆلەتنىڭ قېزىلما بايلىقىنى كۆرسەتكەن. قارا قول قارا تەنلىكلەر ئافرىقىسىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بەلگىسى بولغان. قالقاننىڭ يۈزىگە ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ خەرىتىسى ۋە دۆلەتكە ۋاكالىتەن خەلقنى كىيىم - كېچەك. يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي، مائارىپ ۋە پاراۋانلىققا ئىگە قىلىدىغان بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز سىزىلغان. قالقاننىڭ ئىككى يېنىدا رەڭدار دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلغان. < 1958 - يىل 1 - دېكابىر > دېگەن خەت يېزىلغان ئالتۇن قۇياش قالقاننىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەن، ئاستىدىكى مالتا كرېسىتلىك ئوردېنى خەلقنىڭ كاتولىك دىنىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكىگە بولغان ئېتىقادىنى ئىپادىلىگەن. ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا فرانسۇزچە < بىرلىك، قەدىر- قىممەت. ئەمگەكچان> دېگەن خەت يېزىلغان.