Uyghur→Chinese主要词典
دارىئو
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
达里奥
dá lǐ ào
دۇنيا تارىخى
达里奥
dá lǐ ào
(1867 - 1916) نىكاراگۇئا شائىرى ۋە يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى فېلكس رۇبېن گاركىيە سارمىئېنتو. دۇكان خىزمەتچىسى، مۇخبىر بولغان. ئىلگىرى - كېيىن سالۋادور، چىلى، ئارگېنتىنا، ئىسپانىيە، ئامېرىكا ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان، نىكاراگۇئانىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئىش بېجىرگۈچىسى، ئىسپانىيدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى قاتارلىق ۋەزپىلەردە بولغان. فرانسىيە پارناسچىلار ۋە سىمۋولىستلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، لاتىن ئامېرىكىسى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسى ئەدەبىياتىدىكى بولىۋار دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى سىرلىق ۋە چۈشكۈنلۈك تۈسىدە بولغان، ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆزگىرىپ جاھانگىلىرككە قارشى تۇرۇش خاھىشى ۋەۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىدا بولغان. 1907-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ <مىتىرېغا بېغىشلانغان ناخشا>، <ئۆمۈر ۋە ئۈمىد ناخشىسى>، <كۈز ناخشىلىرى ۋە باشقىلار> قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.