Uyghur主要词典
پىت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پارازىت قۇرتلار: ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى چىقىپ، قېنىنى شوراپ ياشايدۇ.
پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاپتۇ. بۈرگىنىڭ بېشىنى پالتا بىلەن چېپىش لازىم ئەمەس. چۇسا چاقسا، بۈرگىنى ئەسلەيمەن. كانا - مالنىڭ كۈشەندىسى. كۆكۈيۈن ئاتقا ئارام بەرمەيدۇ. سالىجىدەك چاپلاشقاندىن قورق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پىت.
بۇغدايغا چۈشىدىغان ئۇششاق قۇرۇتقا « تارىغ پىتى» دېيىلىدۇ.
1 - 420
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كىتاب
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل ھاشارات. دائىم ئادەم، چوشقا ۋە كالا تېنىدە قان شوراپ پارازىت ياشايدۇ؛ قارا كېزىك، قايتۇرما كېزىك قاتارلىق كېسەللەرنى تارقىتىدۇ.