Uyghur主要词典
دىدار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىراي ئاسان ئۆزگىرەر، شەپقەت مەڭگۈ ساقلىغار. چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر. چىراي كۆرۈپ ھال سورا. چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئادەم كۆركى يۈز، يۈز كۆركى كۆز. بېتى ئەدەب كۆرمىگەن، كۆتى تەرەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت. شاھزادە مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ. تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان. دېڭىزنى كوزىدا ئۆلچىگىلى بولماس، ئادەمنى ئەپتىدىن بىلىپ بولماس. بەشرىسى سەتنىڭ قىلىقى يامان بولۇشى ناتايىن. ئوسماننىڭ قىزىنىڭ ئۆڭى بار. ئەينەككە قارىغانغا ھۆسىن قېتىلماس. مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسىن قوشمايدۇ، ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسىن قوشىدۇ. ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسىن ئۆچەر. چېھرە ئۆزگىرەر، شەپقەت ساقلىنار. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سەمىمىي سىرتقى قىياپەت نۇرغۇن كەمچىلىكنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئالەمدە ھەر كۈندە بار زاۋال، ئەبەدىي قالمايدۇ بۇ ھۆسىن _ جامال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كىشىنىڭ يۈزى، رۇخسارى، تۇرقى:يۈز، رۇخسار، جامال.
ئانامنى قەبرىگە ئېلىپ كېتەر مەزگىلدە مېنى ئاپىرىپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۇخلىغاندەكلا ياتاتتى.
كۆچمە. ئىز، سايە (قارا)، بەلگە.
ئوچاق ئەتراپىدا قارىسام ئوتۇن دىدارى يوق.
كەسلەنچۈكلەر، لەڭمەنتاقتاقلار، بۇ سەھرانىڭ ھايات دىدارى. شىۋاق، قوراي، يۇلغۇن، يانتاقلار، جانىۋارلارنىڭ ئامراق دىدارى.
كۆچمە. يۈز كۆرۈشۈش، ئۇچرىشىش.
دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
كۆرمەك، كۆز، كۆزدىن
Rate this entry