—参考资料
دۇناي دەرياسى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
دۇنيادا تەخمىنەن200 خەلقئارالىق دەريا بار، بىراق10 دىن ئارتۇق دۆلەتنى بېسىپ ئۆتىدىغان دەريادىن پەقەت دۇناي دەرياسىلا بار.
دۇناي دەرياسى گېرمانىيىدىكى شۋارتس تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىن باشلىنىپ، شەرققە قاراپ ئېقىپ ئاۋسترىيە، سلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە، يۇگوسلاۋىيە، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، مولدوۋا قاتارلىق سەككىز دۆلەتتىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاخىردا رومىنىيىدە ئۈچ تارماق ئېقىنغا بۆلۈنۈپ قارا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. دۇناي دەرياسى غول ئېقىمىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى2850 كىلومېتىر، دەريا ۋادىسى كۆلىمى817000 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياۋروپادا ۋولگا دەرياسىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ دەريا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ300 دىن ئارتۇق تارماق ئېقىمى بار، بەزى تارماق ئېقىملىرى ئىتالىيە، پولشا، شۋېتسارىيە ۋە ئالبانىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتتىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. دۇناي دەرياسى ۋادىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۇناي دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدىن ئاۋسترىيىنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان بۆلىكى ئۇنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدۇر. بۇ بۆلەكتە دەريا يولى تار، دەريا قىنى مۇستەھكەم، سۈيىنىڭ ئېقىشى تېز. سلوۋاكىيىدىكى براتسلاۋادىن رۇمىنىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە چېگرىسىدىكى گۋوزدېناۋاراتا جىلغىسىغىچە بولغان بۆلىكى ئوتتۇرا ئېقىمىدۇر. دەريانىڭ بۇ بۆلىكى ئاساسەن تۈزلەڭلىك ۋە پەس جايلاردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، سۇ مىقدارى كۆپ، مۇھىم سۇ يولى ھېسابلىنىدۇ. گۋوزدېناۋاراتا جىلغىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى107 كىلومېتىر، ئەڭ تار جايى ئاران150 مېتىردىن200 مېتىرغىچىلا كېلىدۇ، سۇ ئاستى تاغ جىنسلىرىنىڭ يانتۇلۇقى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، دەريا سۈيىنىڭ چۈشۈش پەرقى يۇقىرى.1972 - يىلى رۇمىنىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە بىرلىكتە مەزكۇر جايغا توك چىقىرىش ئىقتىدارى2 مىليون100 مىڭ كىلوۋات كېلىدىغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇردى. ئېلېكتر ئىستانسىسى توسمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1200 مېتىر، ئېگىزلىكى5 .75 مېتىر بولۇپ، خۇددى25 قەۋەتلىك بىنادەك ئېگىز. توسما ئۈستىگە كەڭ تاشيول ياسالغان، توسمىنىڭ ئىككى يېنىدىكى پاراخوت چۈشۈرگۈسىنى تەڭشەش ئارقىلىق1500 تونناژلىق پاراخوتلارنىڭ قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
دەريانىڭ گۋوزدېناۋاراتادىن كېيىنكى بۆلىكى تۆۋەن ئېقىم تۈزلەڭلىكىدىن ئىبارەت. دەريانىڭ بۇ بۆلىكى بىرقەدەر كەڭرى، سۈيىنىڭ ئېقىشى ئاستا، ئۈچ تارماق ئېقىن دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزى ئەتراپىدا يەلپۈگۈچسىمان دەريا دېلتىسىنى شەكىللەندۈرگەن. دەريا دېلتىسىدا دەريا شاخاپچىلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، قومۇشلار زىچ ئۆسكەن، كۆلچەك غازى ۋە قىزىل لەيلەك قاتارلىق ياۋروپانىڭ ئاز ئۇچرايدىغان قۇشلىرى بار.
دۇناي دەرياسىنىڭ سۈيى سۈزۈك ھەم كۆپكۆك، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، شۇڭا «كۆك دۇناي دەرياسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ شەرقىي جەنۇبى ياۋروپانىڭ مۇھىم قاتناش يولى، ئاۋسترىيە پايتەختى ۋيېنا، ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشت، يۇگوسلاۋىيە پايتەختى بېئوگراد سلوۋاكىيە پايتەختى براتسلاۋا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى دۇناي دەرياسى بويىغا جايلاشقان.