Uyghur主要词典
ۋائىز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ۋەز ئېيتقۇچى، پەند - نەسىھەت قىلغۇچى:
كۆنمەدى ئارىف سۆزىگە ۋائىزىڭ،
دېۋە موتېئ ئۆلمەدى ئىنسانىمىز.
نەسىمى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نەسىھەت قىلغۇچى، سۆز سۆزلىگۈچى؛ مەدداھ، ۋەز ئېيتقۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نۇتۇق سۆزلىگۈچى؛ گەپكە ئۇستا؛ سۆزگە چېچەن شەخس.
ناتىق نالايىق سۆزلەردىن ساقلىنىشى لازىم. ئاراتۇر ئۆز نۇتىقى بىلەن داڭ چىقىرىدۇ. ۋائىز ۋە ئېيتقاندا، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمىسۇن. خاتىپ خەتمە ئوقۇيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> دىنىي مەزمۇندا ۋەز ئېيتقۇچى، ۋەزخان.
نەسىھەت يۈزىسىدىن تەشۋىق - تەرغىبات ئېلىپ بارغۇچى، نۇتۇق سۆزلىگۈچى كىشى؛ ناتىق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ۋايىز
ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچى