Uyghur主要词典
داپ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
چالغۇ ئەسۋابى. گەردىشكە تارتىلغان تېرە ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.
داپ چالماق.* داپچى، داپەندە.* داپقا بېقىپ ئۇسسۇل.* داپ داراڭلىغان، ئېشەك ھاڭرىغان يەردە يۈرمەك ( مەتەل ).* داپنى باشقا سەنەمگە چالماق ( مەتەل ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
دېھقانچىلىق قورالى ( شېۋە )، تۆت يۇرچەك كەتمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كەردىشكە ئاقلانغان تېرە تارتىلىپ، ئۇرۇپ چىلىنىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى.
« داپ » قول بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ، باشقا چالغۇلارغا تەڭكەش قىلىنىدۇ.
« دۇمباق » يەرگە قويۇپ تاياق بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.
« ناغرا » يەرگە قويۇپ جۈپ چوكا بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ،
ئىككى نان تاپسا، بىرىنى داپ قىلىپ چالىدىغان. دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان، ئىچى قۇرۇق. تويدىن كېيىن ناغرا. بارابان بالىلارنىڭ روھىنى كۆتۈرىدۇ.
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، چەمبەرسىمان تار ۋە نېپىزرەك كەلگەن ئەگمە لەمپە ياغاچنىڭ بىر تەرىپىگە تېرە كېرىلىپ يۈزى كەڭ ياسىلىدۇ ۋە قول بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
داپ دۇمباق تىپىدىكى تەرەققىي قىلغان قەدىمكى سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاۋازى جۇشقۇن، ئۆزى يەڭگىل، ئىشلىتىشكە ئەپچىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇ قول ئالىقىنى ۋە بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان، ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ ھېسابلىنىدۇ. بەزى كلاسسىك ئۇسسۇل ۋە مەشرەپلەر يالغۇز داپ بىلەنلا ئورۇندىلىدۇ.
داپنىڭ گەردىشى ئىچىگە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تۆمۈر ھالقىلار ئېسىلغان بولۇپ، ئۇلار داپ ئۇرۇلغاندا ئاجايىپ شىلدىرلىغان قوشۇمچە ئاۋازلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ.داپنىڭ تۈرلىرى چوڭ - كىچىڭ ھەر خىل بولۇپ، <چوڭ داپ>، <غەغمە دېپى>، <مەشرەپ دېپى> قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرىمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئادەتتە ناخشا - ئۇسسۇللاردا ئىشلىتىلىدىغان داپنىڭ دىئامېتىرى 45 سانتىمېتىر، گەردىشىنىڭ كەڭلىكى 5.5 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. مەشرەپلەردە ئىشلىتىلىدىغان كىچىك داپنىڭ دىئامېتىرى 52 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. داپنىڭ ھاۋارايىنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ، ئوڭايلا تېرىسى بوشاپ، ئاۋازى ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئاجىزلىقى بار، شۇڭىلاشقا، يېقىندىن بۇيان يىلان تېرىسى ئىشلىتىلىپ ئۇنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشىلاندى.
داپ ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا ئىنتايىن مۇھىم چالغۇ بولۇپ، يېرىم دىرژورلۇق (يېتەكچىلىك) رولىنى ئوينايدۇ. داپ چالغاندا ئىككى قول بىلەن داپنىڭ ئاستىنى تۇتۇپ، ئوڭ - سول قول بارماقلار ۋە ئالىقان بىلەن مۇزىكا ئۇدارى ھەمدە رىتىملىرىغا ماس ھالدا نۆۋەت بىلەن داپنىڭ چېتى ۋە ئوتتۇرىغا يېقىنراق جايىغا ئۇرۇپ، <دۇمتاك - دۇمتاك> قىلغان ئاۋاز چىقىرىلىپ تەڭكەش قىلىنىدۇ. ئوتتۇرىدىن چىقىدىغان <دۇم> ئاۋازى كۈچلۈك ئۇدار، چېتىدىن چىقىدىغان <تاك> ئاۋازى كۈچسىز ئۇدار بولىدۇ.
داپ تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا كەڭ قوللىنىلىشتىن باشقا، ئۆتمۈشتىكى خۇراپىي داخان، باخشىلارمۇ <جىن قوغلاپ كېسەل داۋالاش> تا داپتىن پايدىلانغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مۇزىكا
قول بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان، ياغاچ قاسقانغا تېرە قاپلاپ ياسىلىدىغان چالغۇ ئەسۋابى.
داپ چالماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
داپ شەكىللىك قىر - تىرگەن سېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق سايمىنى.