Uyghur→Chinese主要词典
دائىم يېشىل تۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
بىئولوگىيە
常绿植物
chánglǜzhíwù
يېشىل يوپۇرماق ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلىنىدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر. ئۇنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ ئۆمرى 2 - 3 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. ھەر يىلى بىر قىسىم يوپۇرماق يېڭىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ، بىر قىسىم يوپۇرماق تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى بىر مەزگىل ئىچىدىلا تۆكۈلۈپ بولمايدىغانلىقتىن، ئۆسۈملۈك تۈپى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېشىل تۇرىدۇ. مەسىلەن، يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخلەر (قارىغاي، ئارچا تۈرىدىكىلەر) ۋە يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەر (قارىغاي، ئارچا تۈرىدىكلەر) ۋە يېپىق ئۇرۇقلۇق دەرەخلەر (بۇرجۇن، چوڭ يوپۇرماقلىق ماگنولىيە) قاتارلىقلار.