Uyghur主要词典
ئەستە ساقلاش
سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
ئەستە ساقلاش ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ئىنكاسى، ئادەم مېڭىسىنىڭ تاشقى غىدىغلىغۇچى ئۇچۇرلارنى ساقلىشى ھېسابلىنىدۇ.1959
- يىلى ئەنگلىيىلىك بىر كىشى چەمبەر تۇراقلىقىنى يادلىغاندا، ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىدىكى چەكسىز دەۋرىيلەنمەيدىغان ئونلۇق كەسىرنى5500 ىنچى خانىسىغىچە يادلاپ بېرەلىگەن.1978 - يىلى كانادالىق17 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى8000 خانىدىن ئاشۇرۇپ يادلىغان.1980 - يىلى ياپونىيە سونىي شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىدىكى2000 ىنچى خانىغىچە يادلاپ بېرەلىگەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ يۈكسەك ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
ئۇچۇرنى ساقلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىغا ئاساسەن، ئادەمنىڭ ئەستە ساقلىشىنى بىردەملىك ئەستە ساقلاش، قىسقا ۋاقىتلىق ئەستە ساقلاش ۋە ئۇزاق ۋاقىتلىق ئەستە ساقلاش، دەپ ئۈچ خىل تىپقا ئايرىش مۇمكىن. بىردەملىك ئەستە ساقلاش ئادەم تاشقى غىدىقلىغۇچىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى25 .0 −2 سېكۇنت ئارىلىقىدىكى ئەستە ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، باشقىلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ساداسى قۇلاقنىڭ تۈۋىدە يەنە ئاڭلىنىۋاتقاندەك بىلىنىش. قىسقا ۋاقىتلىق ئەستە ساقلاش بىر مىنۇت ئىچىدىكى ئەستە ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ، ئالايلۇق، تېلېفون دەپتىرىدىن ئۆزىمىزگە لازىملىق تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ، ئېسىمىزدە قالغىنى بويىچە نومۇرنى باسىمىز، تېلېفون ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىمىز. ئۇزاق ۋاقىتلىق ئەستە ساقلاش بىر مىنۇتتىن ئارتۇق، ھەتتا بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلماي ئەستە ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ.
ئەستە ساقلىنىدىغان مەزمۇنلارغا ئاساسەن، ئەستە ساقلاشنى يەنە ھەرىكەتنى ئەستە ساقلاش، كەچۈرمىشىنى ئەستە ساقلاش، ئوبرازىنى ئەستە ساقلاش ۋە لوگىكىلىق ئەستە ساقلاش، دەپ تۆت خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ھەرىكەتنى ئەستە ساقلاش بەدەن ۋە قول - پۇت ھەرىكىتىنى ئەستە ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، سۇ ئۈزۈش ۋە ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگىنىشتە ھەرىكەتنى ئەستە ساقلاش رول ئوينايدۇ، بۇ ئاسانلىقچە ئەستىن چىقىپ كەتمەيدۇ. كەچۈرمىشىنى ئەستە ساقلاش ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەستە ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ. قانداقتۇ »يولۋاس توغرۇلۇق گەپ بولسا چىرايلىرى تاتىرىپ كېتىش« مۇشۇ خىل ئەستە ساقلاشقا كىرىدۇ. ئوبرازىنى ئەستە ساقلاش كونكرېت شەيئىنىڭ ئوبرازىنى ئەستە ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىز نۇرغۇن كۆرۈش سېزىمى ئوبرازى (مەسىلەن، ئادەمنىڭ چىرايى)، ئاڭلاش سېزىمى ئوبرازى (مەسىلەن، قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى)، تېگىش سېزىمى ئوبرازى (مەسىلەن، خەت ئۆچۈرگۈچنى ئىشلەتكەندىكى سېزىم)، پۇراق سېزىمى ئوبرازى( مەسىلەن، ئەتىرنىڭ پۇرىقى) ۋە تەم سېزىمى ئوبرازى (ئالمىنىڭ تەمى) قاتارلىقلارنى ئەستە ساقلىيالايمىز. ئادەتتە، رەسسام، كومپوزىتور، يازغۇچى، لايىھىلىگۈچى، ئارتىس قاتارلىقلارنىڭ ئوبرازنى ئەستە قالدۇرۇشى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. لوگىكىلىق ئەستە ساقلاش تىل - يېزىق، قانۇن - قائىدە قاتارلىقلارنى ئەستە ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەم تۇغۇلغاندىن باشلاپلا ئەتراپىدىكى دۇنيادىن ئۈزلۈكسىز تۈردە ھەر خىل بىلىم - تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىدۇ، بىلىم - تەجرىبىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ دۇنيانى بارغانسېرى چوڭقۇر چۈشىنىشكە باشلايدۇ. ئەستە قالدۇرۇش بولمىسا، چوڭ مېڭە پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان خام ماتېرىيالدىن ئايرىلىپ قالىدۇ - دە، تەپەككۇر قاتارلىق پسىخىكىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارالمايدۇ، شۇڭا ئەستە ساقلاشنى كۆڭۈلنىڭ ئىسكىلاتى، دەيمىز.