Uyghur→Chinese主要词典
لاسكى
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
拉斯基
lā sī jī
دۇنيا تارىخى
拉斯基
lā sī jī
(1893 - 1950) ئەنگلىيە لىبورىستلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1945 - 1946)، سىياسىئون. مانچىستىردا تۇغۇلغان. ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1914 - يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ماككىل، خارۋارد، ئاموست، يالې قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرس ئۆتكەن. 1921 - 1930 - يىللىرى ئەنگلىيە چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1922 - 1925 - يىللىرى كىمبىرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1926 - يىلدىن باشلاپ لوندون ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ سىياسىشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. فابىئان جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (1922 - 1936)، لىيبورىستلار پارتىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (1936 -1949) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. كوممۇنىزمغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن، <دېموكراتىك سوتسىيالىزم> نى كۆككە كۆتۈرۈپ، <بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز - ئازدىن ئىسلاھ قىلىش> تىن ئىبارەت فابىئانچىلىقنى تەشەببۇس قىلپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان. <ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى>، <ھازىرقى زامان دۆلىتىنىڭ ھوقۇق چەكلىمىسى>، <سىياسىي نەمۇنە>، <كوممۇنىزم>، <ئېتىقاد، ئەقىل، مەدەنىيەت> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.