Uyghur主要词典
كاسكا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپ سۆزلەيدىغان، تىنماي قۇرۇق گەپ ساتىدىغان.
ۋالاقتەككۈر گەپ بەرمەس، سۇنۇق كەپكۈر نەپ. ۋىتىلداق ۋىتىلداپ ۋەھىمە تاپىدۇ. ۋات - ۋاتنىڭ سۆزىدە ھەقىقەت بولماس. كاسكا ئىتنىڭ چىشى تېز ئۇپرار. جاۋىلداق خوتۇندىن خۇدا ساقلىسۇن. ۋاتىلداق ئارام تاپمايدۇ، ئاغزى ئېچىلسا يېپىلمايدۇ. ۋىت - ۋىتنىڭ ئاغزى غەيۋەتتىن بوشىمايدۇ. قىرت قىرىق سائەت سۆزلىسە، بىر ئېغىزى يارايدۇ.
شىۋىلەر
كاسكاس، تولا گەپ قىلىدىغان ئادەم.
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
كاسكا (پولات قالپاق) − جەڭچىلەرنىڭ بېشىنى قوغدايدىغان مۇھىم ياراغ.1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇنى ئاۋۋال فرانسىيىلىكلەر ئىشلـەتـكـەن.1914 - يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، فرانسىيىلىك ئادىرىنـال ئىـسـىـمـلـىـك گـېـنـېـرال دوختۇرخانىغا يارىدارلارنى يوقلاپ بارىدۇ، بىر يارىدار ئۇنـىـڭـغـا دۈشـمـەن زەمبىرىكى ئېتىلىۋاتقاندا، قازاننى بېشىغا تۇتۇۋېلىپ، بېشىنى قوغداپ قالغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پارتلاشتا ئۆلگەنلىكىنـى، بـىـراق ئۆزىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى ئېيتىدۇ. گېنېرال ئادىـرىـنـال بـۇنـى ئاڭلاپ ئىنـتـايـىـن خـۇشـال بـولۇپ، ئادەم ئەۋەتـىـپ زامـانـىـۋى كاسكا ياساتقۇزۇپ، قىسىمنى ياراغلاندۇرىدۇ، نەتىجىدە تـالاپەت زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئارمىيىـسـى كاسكا كىيگەنلىكى ئۈچۈن،70 مىڭ ئادەم ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
ھازىرقى زامان كاسكىسى پـىـيـادە ئەسـكـەرلـەر كاسكىسى، زەمبىرەكچىلەر كاسكىسى، ئۇچقۇچىلار كاسكىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ، بـەزى دۆلەتـلـەر پـەۋقـۇلئاددە خـادىـملار ئۈچـۈن پاراشۇتچىلار كاسكىسى، تانكىچىلار كاسكىسى، موتسىكىلىت كاسكىسى، ھاۋا ھۇجۇمىدىن قۇتقۇزۇش كاسكىسى قاتارلىقلارنى لايىھـىـلـەپ چـىـقـتـى، بـەزى كاسكىلارنى جەڭ مەيدانلىرىدا داس، قـازان، قـېـزىـش قـورالـى قاتارلىقلارنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ھازىرقى زامان كاسكىلىرىنىڭ قوغداش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماستىن، يەنـە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىمۇ بار. گېرمانىيىدە يـېـڭـى ئىـشـلـەنـگـەن كاسكا ئارقىلىق باشنى قوغدىغىلى بولۇپلا قالماستىن، ئوق چىقىرىـشـقـىـمـۇ بولىدۇ. بۇ خىل كاسكا مىلتىق9 مىللىمېتىرلىق مىشەكسىز ئوقـنـى ئېـتـىـپ چىقىرالايدۇ، دەل تەگكۈزۈش دەرىجىسى مىلتىـقنىڭكىدىن يـۇقـىـرى. ئۇنىڭدىن باشقا، لازېرلىق كاسكا مـىـلـتـىـق بـولـۇپ، لازېـر نـۇرى دەستىسىنى قويۇپ بېرەلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛فرانسوزچە
ھەربىيلەر، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ۋە شۇ قاتارلىقلار كىيىدىغان مېتال قالپاق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قۇيرۇقىنى چاترىقىغا تىقىپ، چىشلىرىنى كاسىلدىتىپ تۇرۇپ قاۋايدىغان (ئىت ھەققىدە).
كاسكا ئىت.
كۆچمە. ئاغزى بېسىقماي تولا سۆزلەيدىغان.
كاسكا خوتۇن.
بۈۋۈمنىڭ ئەل ئىچىدە <توختىخان كاسكا> دېگەن لەقىمىمۇ بار ئىدى.