Chinese→Uyghur主要词典
社会主义
ئۇنىۋېرسال
shè huì zhǔ yì
سوتسىيالىزم، سوتسىيالىستىك
دۇنيا تارىخى
سوتسىيالىزم
(1) سوتسىيالىستىك تۈزۈم پرولېتارىيات كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە ئەمگەكچى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنقىلابىي كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، بۇرژۇئا دۆلەت ماشىنىسىنى ئۈزۈل - كېسىل پاچاقلاپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن بەرپا قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمى يوقىتىلغان، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان، ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەپ، ھەركىمگە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلغان، خەلق ئىگىلىكى پىلانلىق، نىسبەت بويىچە راۋاجلاندۇرۇلغان، يۈكسەك دەرىجىدە راۋاج تاپقان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە كاپىتالىزم جەمئىيىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئەمگەك ئىشلەپچىقرىش ئۈنۈمدارلىقى بولغان، كوممۇنىستىك ئىدىيە يادرو قىلىنغان سوتسىيالىتىك مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. سوتسىيالىزم جەمئىيىتىدە، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىگە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار سىنىپ سۈپىتىدە يوقىتىلغان بولىدۇ. بىراق سىنىپىي كۈرەش مۇئەييەن دائىرىدە يەنىلا ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەمدە مەلۇم شارائىتتا يەنىلا كەسكىنلىشىش ئېھتىمالى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا پرولېتارىيات دېكتاتۇرىسىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش لازىم. سوتسىيالىزم جەمئىيىتى كوممۇنىزىم جەمئىيىتىنىڭ تۆۋەن باسقۇچى بولۇپ، ئاساسىي زىددىيەت يەنىلا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىس ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بولىدۇ. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى - ماركسىزم - لېنىنىزم ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچبىلەن راۋاجلاندۇرۇش، كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋەمەنىۋى تۇرمۇشىنى پەيدىنپەي ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئۇيغۇنلىشالمايدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىش، يۈكسەك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپاقىلىش، كەلگۈسى كوممۇنىزم جەمئىيىتىدىن ئىبارەت يۇقىرى باسقۇچقا ئۆتۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەرت - شارائىت ھازىرلاشتىن ئىبارەت. (2) سوتسىيالىزم ئېدېئولوگىيىسى. <سوتسىيالىزم> دېگەن بۇ سۆز لاتىنچە سوتسىيالىس Socialis دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ئەسلى مەنىسى <قۇرداشلىق>، <ھەمتاۋاق> دېگەنلىك. ئادەتتە ئەنگىلىيە، فرانسيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتىكى خىيالىي سوتسىيالىستلار ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى، ئۆزلىرىنىڭ كاپىتالىزم جەمئىيىتىدە ئەۋج ئالغان شەخسىيەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، كوللېكتىۋىزملىق ئىدىيىۋى خاھىشقا مايىللىقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئەڭ دەسلەپ بۇ ئاتالغۇنى قوللانغان دەپ قارالماقتا. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەنىسى، مال - مۈلۈك تەڭسىزلىكىگە يول قويۇش بولۇپ، كاپىتالىزمتۈزۈمىنى يوقىتىش مەزمونىنى ئېنىق ئۆز ئىچىگە ئالمىغان، غەربىي ياۋرۇپا ئەللىرىگە تارقالغان بولۇپ، فېئودال سوتسىيالىزم، ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى، <ھەقىقىي> سوتسىيالىزم، بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى، خىيالىي سوتسىيالىزم قاتارلىق ئىدىيىۋى ئېقىملار بارلىققا كەلگەن. ماركس ۋە ئېنگلېس 1848 - يىل 2 - ئايدا <كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى>نى ئېلان قىلىپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنى شەرھلەپ، سوتسىيالىزمنى خىيالدىن پەنگە ئايلاندۇرغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن سوتسىيالىزمنىڭ مەنىسىنى پۇختا ئىلمىي بەلگىلىمىگە ئىگە قىلغان. <ئىلمىي سوتسىيالىزم>، <ماركسىزم - لېنىنىزم>غا قارالسۇن.