Uyghur主要词典
بىرانگېر
دۇنيا تارىخى
(1780 - 1857) فرانسىيە دېموكراتىك قوشاقچىسى، پارىژدىكى بىر ئۇششاق بۇرژۇئا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شاگىرت ھەرپ تىزغۇچى ۋە خىزمەتچى بولغان. بۈيۈك فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، 1812-يىلدىن باشلاپ پۈتۈن زېھمىنى سەرىپ قىلىپ،1812-يىلدىن باشلاپ پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ قوشاق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1813- يىلى <ئىۋدو پادىشاھى> نى يېزىپ، ناپولېئوننىڭ ھەربىي مۇستەبىتلىكىنى مەسخىرە قىلىش بىلەن نام چىقارغان. بوربون سۇلالىسىنى تىرىلدۈرۈش مەزگىلىدە، <ئاقسۆڭەك ئىتىڭ ئەرز قىلىشى>، <ئاق كاكار>، <ھامارقەت چرلېسنىڭ تاج كىيىشى> قاتارلىق فېئودالىق تىرىلىشكە قارشى سىياسىي قوشاقلارنى يېزىپ چىقىپ، ئىككى قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدىمۇ داۋاملىق يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، كىنەز ئورلېئاننىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللىغان. كېيىن ئاممىۋى ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، ئىيۇل سۇلالىسى بەرگەن مۇھىم ۋەزىپە ۋە يىللىق مائاشنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، <ئىيۇل قەبرىلىرى>، <قېرى سەرگەردان>، <كەلكۈن> قاتارلىق ئىيۇل سۇلالىسىنى سۆكۈپ، خەلقنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان ھەمدە ئىنقىلابقا تەنتەنە قىلىدىغان شېئىرلارنى يازغان. 1848-يىلى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، كېيىن ئىستېپا بەرگەن. ئىككىنچى ئىمپېرىيە مەزگىلىدە، <جەبرائىل ۋە ساقچى> نى يېزىپ ناپولېئون Ⅲ نىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى قامچىلىغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا روشەن رېئاللىق ۋە ئىنقىلابىي دېموكراتىزملىق خاھىش بولۇپ، ماركس ئۇنى <ئۆلمەس بېرانگېر> دەپ ئاتىغان، ئەسەرلىرى توپلىمى <خەت چەكلىرى توپلىمى> بار.