Uyghur主要词典
ئەسىر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ۋاقىت بىرلىكى، 100 يىل.
ⅩⅩ ئەسىر ئاخىرلىشىپ قالدى، ⅩⅩⅠ ئەسىرگە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرىمىز.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تۇتقۇن.
ئەسىرگە ئالماق، ئەسىرگە چۈشمەك. * ئەسەرلەر لاگېرى. * ئەسىرلەرنى خارلىما. * ئەسىرگە چۈشسەڭمۇ تەسلىم بولما.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كۈن پېتىشتىن سەل ئىلگىرىكى ۋاقىت، دىگەر.
ئەسىر نامىزى قازا بولمىسۇن. * ئەسىردىن بالدۇر «ئەسىر» دىن بىر تۇيۇق:
بولمىغاچ ئەجدادىمىز غەپلەت، جاھالەتكە ئەسىر،
ئىپتىخارلىق بىز بۈگۈن گەر ئۆتسىمۇ نەچچە ئەسىر،
نۇر چېچىپ ئۈندەيدۇيۈكسەككە مېنى شۇ ئەنئەنە،
تا ئەبەد ئەقلىم كۆزىگە يات قاراڭغۇ شام، ئەسىر.
_ مەتقاسىم مەتنىياز.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دەۋر، زامان، ئەسىر.
كۈنپېتىشقا يېقىن ۋاقىت؛ پېشىن ۋە شام نامازلىرى ئارىلىقىدىكى ۋاقىت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۇتقۇن، ئەسىر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولغا چۈشۈپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشى.
ئىچىڭدە پىنھان بولسا سىرىڭ، ئۇسېنىڭ ئەسىرىڭ، ئۆزۈڭ ئاڭا ئەسىرسەن قاچان قىلدىڭ ئاشكارا. ئىران 400 ئىراق ئەسىرىنى ئۆز ئالدىغا قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى. مۇھەببەتكە تۇتقۇن بولساڭ، كۆز يېشىڭ قۇرۇماس. بىز ھەممىمىز تۇتقۇنلارمىز، پەقەت ئايرىملىرىمىزنىڭ قاماقخانىمىز دېرىزىلىك، ئايرىملىرىمىزنىڭ دېرىزىسىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈن پېتىشتىن سەل بۇرۇنقى ۋاقىت.
ئەسىر نامىزى قازا بولدى. نامازدىگەردە كەلگىن. ئىكىنتى ۋاقىتى يازدا سالقىن ۋاقىت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا ياكى بىرەر نەرسىگە جان - دىلىدىن بېرىلمەك.
<قىلماق>، <بولماق> لار بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ئۇ نازىنىن گۈزەل جىلۋىسى بىلەن مېنى مەپتۇن قىلدى. كىيىم كۆزنىلا مەھلىيا قىلار، بىلىم ئالقىشقا ئىگە قىلار. چىرايلىق سۆزۈڭگە بولما مەھلىيا، سۆزۈڭدىن ئىشىڭنى بېزەت ئاۋۋالا. بىر كۆرۈپ مەستانە بولغاندا ئىشەنچ يوق. ۋاپادا ئوخشىما بۇلبۇلغا ئەسلا، ھەر ئان ئۇ ئۆزگە گۈل شېخىدا شەيدا. مەنزىلىم ئىدى يىراق، ئەسىر قىلدى بىر قاراپ. ئىشىق ئوتىدا بولدۇم پەرۋانە، ئەندى بولاي دىۋانە
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قولغا چۈشۈپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان.
قاچقۇن، قاچاق
جازالىنىشتىن، تۇتقۇنلۇقتىن، تۇتۇلۇشتىن قاچقان.
قاچقۇنغا شەپقەت يوق، ئازغۇنغا ھۆرمەت. قاچاقتىن يول سورىما. مۇھەببەتكە تۇتقۇن بولساڭ، كۆز يېشىڭ قۇرۇماس. ئەسىرلەرنى خارلىماسلىق - سەككىز دىققەتنىڭ بىرى.
دۇنيا تارىخى
تارىختىكى يىل خاتىرىلەش بىرلىكى. لاتىن تىلىدىكى ئېتمولوگىيىسى بولۇپ، مەنىسى 100 يىل دېگەنلىك. مىلادىنىڭ تۇنجى يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ھەر يۈز يىل يەنى مىلادى 1 - 100-يىلى مىلادى Ⅰ ئەسىر ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ بويىچە سۈرگەندە، مىلادى 1901 - 2000-يىلى مىلادى ⅩⅩ ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەت ئەللەردە ئەسىرنىڭ باشلانغان يىلى بىلەن ئاخىرقى يىلنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەسىلەن، ⅩⅩ ئەسىرنى مىلادىن 1900 - 1999-يىلىغىچە دەپ كۆرسەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئەسىر، رىۋايەتلەردىكى خىرىستوسنىڭ تۇغۇلغان يىلىدىن باشلاپ كەينىگە ھېسابلانغان. ھەربىر ئەسىر ئىچىدە يەنە ھەر 10 يىلنى بىر باسقۇچ قىلىپ، يىللار دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئادەتتە 1980 - 1990-يىللارنى كۆرسىتىدۇ (1981 - 1990-يىللارنى كۆرسىتىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغۇچىلارمۇ بار).
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
كالىندار ھېسابىدىكى 100 يىلنى بىر بىرلىك قىلغان ۋاقىت بىرلىكى. بىر ئەسىر 100 يىلغا تەڭ. قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر ئەسىر 30 يىلنى كۆرسىتەتتى. چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركى مىللەتلەر 32 يىلنى بىر ئەسىر ھېسابلايتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<تارىخ> يۈز يىل بىر دەۋر قىلىنغان ۋاقىت بىرلىكى.
ئەبۇناسىر فارابى Ⅹ ئەسىردە <ئۇد> مۇزىكىسىنى تىلغا ئالغان.
دەۋر، زامان.
ئوتتۇرا ئەسىر.
بىلوىمدىن ھەممە ئىش مەيدانغا چىققان ئەسىردۇر بۇ، بىلىش لازىم بىلىمسىزلەرگە بۇ ئەسىردە خېرىدار يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇرۇش ۋاقتىدا دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشى، تۇتقۇن.
ئەسىرگە ئالماق. ئەسىرگە چۈشمەك.
كۆچمە. بىرەر كىشى، ئىش ياكى نەرسىگە بېرىلىپ كەتكەن، شەيدا بولغان كىشى؛ مەپتۇن، مەھلىيا، بەند، قۇل.
سازەندە ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ، ئالدىرىماستىن خەلق ناخشىلىرىدىن باشلىۋەتتى. مېھمانلار بىردىنلا جىم بولۇشۇپ دۇتارغا ئەسىر بولۇشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۈن پېتىشتىن بىر سائەت ئىلگىرىكى ۋاقىت.
ئەسىر ۋاقتى.
ئەسىر ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان ناماز.
ئەسىر ئوقۇماق.