Uyghur→Chinese主要词典
ئالبۇئىن
دۇنيا تارىخى
阿尔波音
ā ěr bō yīn
(572 - ؟) ئىتالىيە لومباردىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسچىسى. مىلادى 565-يىلى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ لومباردىيىلىكلەرنىڭ ھەربىي باشلىقى بولغان. ئافللار بىلەن بىرلىشىپ گېرىدالار (گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى) نى مەغلۇپ قىلىپ، گېرىدا كورۇلىنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ قىزى روساموندنى ئالغان. 568-يىلى ئۆز قوۋمىدىكى ئاممىنى ۋە گېرىدالارنىڭ بىر قىسمىنى ، سۇئېۋىلار، ساكسونلارنى باشلاپ ئىتالىيىگە بېسىپ كىرىپ، لومباردىيە ۋە توسكانانى بويسۇندۇرۇپ، لومباردىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا روساموند بۇ ئىشقا قاتناشقانىكەن.