Uyghur→Chinese主要词典
غاز ئوتى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
仙鹤草
xiān hè cǎo
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غاز ئوتىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، غولى تىك، ئېگىزلىكى 5.0 ~ 1 مېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن تېنىدە ئاق سېرىق يۇمشاق تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن،
تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقچىلىرى چوڭ - كىچىك ئىككى خىل بولىدۇ ۋە ئارىلاپ نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ،
گىرۋىكى چوڭ ھەرە چىشىسىمان بولۇپ، ئىككى تال يوپۇرماق تېگى بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق،
گۈل تاجىسى بەش تال، مېۋىسى ئورۇق مېۋە.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى يازدا ۋە كۈزدە ئورۇۋېلىپ، تازىلاپ كەسلەپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ باغرىنىڭ ئاپتاپ
چۈشمەيدىغان يەرلىرىدە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
قان توختىتىش ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
20 گرام غاز ئوتىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان قۇسۇش، قان تۈكۈرۈش، سۈيدۈكتىن قان كېلىش ۋە بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام غاز ئوتىنى 10 گرام نېلۇپەر يىلتىزسىمان غولىنىڭ بوغۇمى، 12 گرام كۆمۈرلەنگەن ئارچا يوپۇرمىقى، 20 گرام خام ئەگرىسۇنا بىلەن
بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن قاناش، سۈيدۈكتىن قان كېلىش، قان قۇسۇش ۋە قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
غاز ئوتىدىن 12 گرام، قورۇلغان تۇخۇمەك گۈلىدىن 10 گرام، كۆمۈرلەنگەن توشقانئوتىدىن 12 گرام، مامرانچىندىن سەككىز گرام، قۇستىدىن
تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاق ۋە چوڭ تەرەتتىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام غاز ئوتىنى 10 تال سوقا چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
龙乐草
lóng lè cǎoDئورمانچىلىق
皮刺隐花草
pí cì yǐn huā cǎoDئورمانچىلىق
龙牙草
lóng yá cǎoDئۇنىۋېرسال
龙牙草
lóng yá cǎoDباغۋەنچىلىك
غاز ئوتى (سەي)
龙芽草
lóng yá cǎoDئورمانچىلىق
隐花草
yǐn huā cǎo