Uyghur主要词典
ئاڭلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئاڭغا ئىگە، ئەقىل - ئىدراكلىق.
ئادەم ئاڭلىق مەخلۇق.
سۈپ. ئىجتىمائىي ھاياتنى، ئۆزىنىڭ مەۋقەسى ۋە تارىخىي بۇرچىنى توغرا چۈشىنىدىغان، چۈشەنگەن.
- قىزىم سىز ئاڭلىق ۋە ياخشى ئىشچى، - دېدىممەن مۇمكىنقەدەر سىلىق سۆزلەشكە تىرىشىپ.
سۈپ. ئىلمىي چۈشەنچىگە ئىگە، بىلىملىك، مەدەنىيەتلىك.
خەيرۇللارنىڭ ئانىسى ئاڭلىق ئايال بولغاچقا، ئوغلىنىڭ تاپقان لايىقىغا دەرھال رازى بولدى.
سۈپ. ئاڭ، ئەقىل - ئىدراك بىلەن باغلانغان، ئەقىل - ئىدراك تەقەززاسى بىلەن قىلىنىدىغان.
ئاڭلىق ھايات. ئاڭلىق ھەرىكەت.
رەۋ. ئۆزلۈكىدىن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن، مەقسەتلىك ھالدا، كۆرۈپ، بىلىپ تۇرۇپ.
رەھبىرىي يولداشلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىلمۇخىل ناتوغرا ئىستىللارنى ئاڭلىق توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئۈلگە بولۇشى لازىم.