Uyghur主要词典
بارى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياراتقۇچى، ئاللا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېنىقلاش ئالماشلىرى، ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئومۇمىيلىقىنى ئېنىقلايدۇ.
بايرام بارچىنىڭ، توي تېگىشلىكىنىڭ. ھەممىنى بىلىمەن دېيىش بىرنىمۇ بىلمەسلىك. ھەممە ئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم. ھاياتنىڭ پۈتۈن خۇشاللىقى ئىجادىيەتتۇر. ھەممىلا تۇخۇمدىن چۈجە چىقىرىۋەرمەيدۇ. ھەممىلا ئەگرى ياغاچ يا بولىۋەرمەيدۇ. ئاتاقلىق ئۇسسۇل رېژىسسورى ھاجى راخمان ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى ئۇيغۇر خەلق ئۇسۇلىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بېغىشلىغان. موللا ھوشۇرنىڭ بارى شۇ. بار - يوقى بىر بالام _ باش - كۆزى تاز بالام. بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كۈنگە مۇھتاج. جىمى ئالەم گۇۋاھ بولسۇن، سەندىن ئۆزگە يارىم يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
ھەممىسى، بارلىقى، جىمى، ئومۇمى.
ئورىغا كۆمۈلگەن بۇغداينىڭ بارى ئوتتۇز تاغار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
بارىجان
ھەممىنى ياراتقۇچى، بارلىققا كەلتۈرگۈچى