Uyghur主要词典
رەئىشە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قورقۇپ تىترىمەك، قالتىرىماق، غالىلدىماق، سەسكەنمەك، چۆچۈمەك.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، بەدەن ئاجىزلىق، پەي ئەسەبلەرنىڭ بوشاپ كېتىشى ياكى ئۇزاق داۋام قىلغان كېسەللىك ياكى روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
پۇت، قول، گەۋدە، يۈز مۇسكۇللىرى، بولۇپمۇ پۇت - قول بارماقلىرى ئىختىيارسىز ھالدا تەرتىپسىز تىترەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئاقلانغان سامساق 300 گرام، ئاق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زىرە، خولىنجان، دارچىن 30 گرامدىن، پىلپىل 15 گرام، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، جويۇز، ئاقىرقەرھا توققۇز گرامدىن، زەپەر ئۈچ گرام، سېرىقماي 30 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە، سۈت مۇۋاپىق مىقداردا، نوقۇت 500 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
نوقۇتنى بىر سوتكا قايناق سۇ چىلاپ، قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سىقىپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ، سۈيىگە توغرالغان سامساقنى سېلىپ، سۇس ئوتتا سۈت تۈگىگۈچە قاينىتىلىدۇ. ئۈستىدىن سېرىقماينى قۇيۇپ، ئۆزلىشىپ بولغانغا قەدەر قاينىتىلىدۇ، كېيىن مىس قازان ئىچىدە سالايە قىلىپ، خېمىردەك ئۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ھەسەلنى قۇيۇپ قاينىتىپ، ھەسەل ئۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (ياشلار ۋە ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك).
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قارىمۇچ، ئاقمۇچ، ئاق بەزرۇلبەنجى 80 گرامدىن، ئەپيۈن 40 گرام، زەپەر 20 گرام، سۇمبۇل، ئاقىرقەرھا، پەرپىيۇن، لىسانىل ئاساپىر تۆت گرامدىن، ھەسەل 900 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەرنى سېلىپ، ئارقىدىن ئەپيۈننى سېلىپ، كېيىن قالغان دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 3.0 ~ 5.0 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ ( 10 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ).
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئۈزۈم سۈيى 30 لىتىر، سېمىز قوينىڭ بىقىن گۆشى 5.5 كىلوگرام، ئۇدخام، 30 گرام، جويۇز، زەپەر، مەستىكى، خولىنجان 15 گرامدىن، نارجىل، كاۋاۋىچىن، زورەنبات، قەلەمپۇر، سۆئدى كوفى، بەسباسە توققۇز گرامدىن زەنجىۋىل، دارچىن، سۇمبۇل، ئاقىرقەرھا، سەلىخە ئۈچ گرامدىن، ھەسەل 5.1 كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
قوي گۆشىنى ئۈزۈم سۈيىدە قاينىتىپ، ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، قالغان دورىلارنى تالقانلاپ، خالتىغا قاچىلاپ، ئاغزىنى بوغۇپ قازانغا سېلىپ، يەنە بىر قاينىتىپ تەمىنى تولۇق چىقىرىپ، ئاندىن بىر كوزىغا يۇقىرىقى قايناتمىنى قۇيۇپ، ئۇنىڭغا 135 گرام گۇلاب ئارىلاشتۇرۇپ، ئالتە ئاي تۇرغۇزۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تېبابەت
ھەر بىر سېكۇنتتا 8.3 قېتىم تىترەيدىغان كلىنىكىلىق كېسەل ئالامىتى.