English→Uyghur主要词典
Quechuans
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كېچيالار
كېچيالار لاتىن ئامېرىكىسى ئىندىئانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئاساسەن پېرۇ (9 مىليون 800 مىڭ)، ئېكۋاتور (3 مىليون 900 مىڭ)، بولىۋىيە (1 مىليون 800 مىڭ) لەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا ئارگېنتىنا (300 مىڭ)، چىلى، كولومبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 16 مىليون 270 مىڭ.
كېچىيالار موڭغۇل ئىرقىنىڭ لاتىن ئامېرىكا قتئەسى تارمىقى (ئىندىئان تىپى) غا كىرىدۇ؛ ئاند (ئىندىئان) تىللىرى سىستېمىسى كېچيا تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە كېچيا تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار.
كېچىيالار ئاھالىسىنىڭ كۆپنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بىر قىسمى ئەنئەنۋى توتېم ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان.
كېچىيالار ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقىدا ياڭيۇ، بۇغداي، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
كېچيالار ئاساسەن ياڭيۇ بىلەن قوناقتىن قىلىنغان غىزالارنى ئىستېمال قىلىدۇ.
كېچيالار ئۇچىسىغا كۆپرەك پىلاچ، بېشىغا چىغ قالپاق كېيىۋالىدۇ.
كېچيالارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، مۇزىكا - ئۇسسۇل سەنئىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ساز چېلىشنى بىلىدۇ.
كېچيالارنىڭ قۇياش مۇئەككىلى بايرىمى بىلەن يەر ئانا بايرىمىنى ئاساس قىلغان 12 دەك مىللىي ھېيت - بايراملىرى بار. قۇياش مۇئەككىلى بايرىمى كۈنى كېچيالار قۇياشقا ئاتاپ مەدھىيە ئوقۇيدۇ ۋە نەزىر - چىراغ مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئەرۋاھ ئېشى تەقدىم قىلىدۇ، گۈلخان ياقىدۇ.
يەر ئانا بايرىمى ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. كېچىيالار يەر ئانىنى ھەممىگە قادىر ئىلاھ، ئاند رايونىدا ياشىغۇچى كىشلەرگە بەخت ئاتا قىلغۇچى نىجادكار، پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈزەللىكنىڭ سمۋولى دەپ قارايدۇ. شۇڭا كىشلەر 28 - سىنتەبىر سەھەردىن باشلاپ داقا - دۇمباق ۋە ناخشا ساداسى ئىچىدە، بىر جايغا جەم بولۇپ، يەر ئانا ئىلاھى بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ.