Uyghur→Chinese主要词典
تىللى
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
蒂利〈尼日利〉
dì lì 〈ní rì lì 〉
دۇنيا تارىخى
梯里
tī lǐ
(1559 - 1632) 30 يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى (1618 - 1648) كاتولىك ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى. ئىسپانىيىگە تەۋە نېدېرلاندتا تۇغۇلغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا نېدېرلاندتا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1600 - 1062 - يىللىرى ۋېنگرىيىگە بېرىپ تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1610 - يىلى باۋارىيە كىنەزى ماكسىمىلىئان Ⅰ نىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، كاتولىك ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1620-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئەسكەر باشلاپ ئاق تاغ جېڭىدە چىخ ئەسكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. 1621-يىلى چېخنى ئىشغال قىلغان. 1626-يىلى 8-ئايدا، دانىيە كورۇلى كىرىستىئان Ⅳ نى مەغلۇپ قىلغان. 1630 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. ياندۇرقى يىلى 9-ئايدا شۋېتسىيە كورۇلى گۇستاۋ ئادولف تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1632-يىلى 4-ئايدا بىر قېتىملىق جەڭدە زەخملىنپ ئۆلگەن.