Uyghur→Chinese主要词典
تولستوي
دۇنيا تارىخى
托尔斯泰
tuō ěr sī tài
(1)ئالېكسىي كونستانتىنوۋىچ تولستوي (1817 - 1875) روسىيە يازغۇچىسى. گراف. ئارمىيە ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلغان. دەسلىپىدە شېئىر بىلەننام چىقارغان. كېيىن رومان ۋە سەھنە ئەسىرى يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. تارىخىي رومان <كىنەز سېرېبرىيانى>، ئۈچ پەردىلىك تارىخى سەھنە ئەسىرى <ئىۋان گروزنىيىنىڭ ئۆلۈمى>؛<چار پادىشاھ فېدوور> ۋە <چار پادىشاھ بورىس> دېگەن ئەسەرلەرنى يازغان. بۇلاردىن باشقا ھەجۋى شېئىر <پوپوۋنىڭ چۈشى> نى يېزىپ،چار پادىشاھنىڭ تۆرە - ئېسىلزادىلەرنى مازاق قىلغان. (2)لېۋنىكولايېۋىچ تولىستوي (2818 - 1910) روسيە يازغۇچىسى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قازان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا، فرانسىيە مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، چار پادىشاھ تۈزۈمىدىن نارازى بولغان، 1847 - يىلى ئوقۇشتىن چېكىنگەن. 1851 - يىلى كاپكازغا كېلىپ ئەسكەر بولۇپ، قىرىم ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، <سېۋاستوپول ھېكايىلىرى> نى يازغان. يەنە ئۈچ توملۇق تەرجىمە خاراكتىرلىك ئەسەر <گۆدەكلىك>، <ئۆسمۈرلۈك>، <ياشلىق> نى ئىجاد قىلغان. 1856 - يىلى <بىر پومىشچىكنىڭ ئەتىگىنى> نى ئېلان قىلىپ، يانچىلارنى فېئوداللىق زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى ئىدىيىۋى ئىزدىنىشنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى غەربىي ياۋرۇپانى ساياھەت قىلىپ، <ليوسېن> ناملىق ھېكايىنى يېزىپ، غەربىي ياۋرۇپا كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ نام - مەنپەئەتكە بولغان قۇللارچە چوقۇنۇشىنى پاش قىلغان. كېيىن يەنە <كازاكلار> ناملىق پوۋېستنى يېزىپ، ئاقسۆڭەك ياشنىڭ كازاكلار ئارىسىدىكى ھاياتى ۋە ھېسسىياتىنى تەسۋىرلىگەن. 1863 - 1869 - يىللىرى <ئۇرۇش ۋە تىنچلىق> ناملىق رومانىنى يېزىپ، 1812 - يىلىدىكى روسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىنى ۋەقەلىك قىلىپ، ⅩⅪ ئەسرنىڭ باشلىرىدىكى روسىيەنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. <ئانناكارىنىنا> ۋە <تىرىلىش> ناملىق رومانلارنى يېزىپ، يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن كىروسىيە جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى تەسۋىرلىگەن. بۇلاردىن باشقا <ھاجى مۇرات> ناملىق پوۋېست، <جاھالەت كۈچلىرى>، <مائارىپ مىۋىلىرى> ناملىق دراما قاتارلىقلارنى يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە، بولۇپمۇ كېيىنكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىدە دېھقانلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە تەلەپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ،پومېشچىك، بۇرژۇئازىيىنىڭ دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇملىرىغا رەھىمسىزلىك بىلەن زەربە بېرىلگەن، لېكىن <ياۋۇزلۇققا زورلۇق كۈچ ئارقىلىق قارشى تۇرماسلىق> نى تەشەببۇس قىلىپ، پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى ئۇششاق دېھقانلار جەمئىيىتىنى چار پادىشاھ تۈزۈمى ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان. (3)ئالېكسىي نىكولايېۋىچ تولىستوي (1883 - 1945) سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچسى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسى گراف، ئانىسى يازغۇچى. 1901 - 1907 - يىللىرى پېتربۇرگ سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1905 - يىلىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى ئەسەرلىرى (<ۋولگا دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدا>، <ئاقساق بوۋاي> قاتارلىقلار) نىڭ كۆپىنچىسىدە پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ چۈشكۈنلۈكىنى تەسۋىرلىگەن. ئىنقىلابتىن كېيىن بىر مەزگىل چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1923 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ۋەكىللىك ئەسىرى <سەرسانلىق- سەرگەردانلىقتا> (<ئىگىچە - سىڭىل>، <1819 - يىل>، <تۇمانلىق سەھەر>) ناملىق ئۈچ قىسىملىق رومانىدا ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ۋە ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ باتۇرانە كۈرەشلىرى ۋە زىيالىيلارنىڭ ئىدىيىۋى ئۆزگىرىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن. <ئاشلىق> ناملىق پوۋېستىدا سارىتسىننى قوغداش ئۇرۇشىنى مەدھىيلىگەن. تارىخنى ۋەقەلىك قىلىپ، <پېترⅠ>ناملىق رومانىنى ۋە <ئىۋان گروزنىي> ناملىق سەھنە ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. <تەلەيسىز جۈمە>، <ئېزىتقۇ> قاتارلىقلاردا غەرب كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى پاش قىلىپ ئاساسىي تېما قىلىنغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كۆپلىگەن سىياسىي ماقالە ۋە ھېكايىلەرنى يېزىپ، فاشىست تاجاۋۇزچىلىرىنى پاش قىلىپ، خەلقنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەرگەن. يەنە ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايە ۋە خەلق چۆچەكلىرىنىمۇ يازغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
托尔斯泰
tuō ěr sī tài