Uyghur主要词典
ھاسان
دۇنيا تارىخى
1864 - 1920( سۇمالى مىللەتچىلىرىنىڭ پېشىۋاسى. ئەنگلاىيىگە قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى. شائىر. 1880 - 1890-يىللىرى پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىققان. 1894-يىلى مەككىگە ھەج قىلغىلى بېرىپ سالىھىيە مەزھىپىگە قاتناشقان. مەملىكىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىمالدا دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان. 1896-يىلى ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ ئىسلام دىنى تەشكىلاتلرىىنى قۇرغان، مۇرىت قوبۇل قىلىپ، ئەنگلاىيىگە قارشى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. 1898-يىلى غازات ئېلان قىلىپ ئەنگلىيە ۋە بارلىق يات دىندىكىلەرگە قارشى تۇرغان. شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز بويلىرىدا ئەنگلاىيە، ئىتالىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە زەربە بەرگەن. 1905-يىلى ئىتالىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ ئىتالىيىگە قاراشلىق سۇمالىنىڭ شەرقىي دېڭىز بويلىرىدىكى مەركىزىي رايونلىرىنى ئىدارە قىلغان ھەمدە داۋاملىق مۇرىت قوبۇل قىلىپ كۈچ توپلىغان. 1908-يىلى يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئەنگلاخيىگە قاراشلىق سۇمالىغا كېڭىيىپ، تالېخ دېگەن جايدا باش شتاب تەسىس قىلغان. 1919-يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيە ئارمىيىسى دەھشەتلىك قىرغىن يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن قەتئىي بوشاشماستىن كۈرەش قىلغان. ئۇنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرىدىن <رېچادكىۋردىنىڭ ئۆلۈمى>، <سەئىدىنىڭ جاۋابى> ۋە <ئادالەت يولى> قاتارلىقلار بار.