Uyghur主要词典
شىكايەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نالىش؛ ئەرز، ھال ئېيتىش، شىكايەت:
غەيۋەت:
1. قىلاي ئازراق شىكايەت، ئەي بەرادەر، بۇ جەھان كارى،
خەلايىقغە ئۆزىنى كۆرسەتۈرلەر موللا بازارى.
موللا نىياز.
2. كى ئىجلاس قىلمە شىكايەت بىلە،
زەبۇن ئەتمە ئۆزىنى خىسارەت بىلە.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداپ، ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا قويغان تەلەپ.
ئالتۇن چىرىماس، دەۋا قېرىماس. تۈگمەن سۇ بىلەن چۆگىلەر، دەۋا پۇل بىلەن. ئۆزۈم تاپقان بالاغا، قايدا باراي دەۋاغا. دەستەر دەرماننى كەتكۈزەر. ئەمەلدار قەرزدار بولسا، ئەرزىڭنى خۇدا سورىسۇن. شىكايەت قىلساڭ، تاپقىنىڭغا شۈكۈر قىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ ئارقىسىدىن يامان گېپىنى قىلماق. «كىسسە» ئاقسۇ شېۋىسىدە «گۆسمە» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
غەيۋەت گۈركىرىگەن شامال، ئاڭلايسەنۇ، كۆرمەيسەن. ئادەم خۇدانىڭمۇ غەيۋىتىنى قىلىدۇ. ياخشىغا شىكايەت يوق، يامانغا ھۆرمەت. غەيۋەت - شىكايەت جېدەلگە ھامىلىدار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىش ياكى ئەھۋالنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى ۋە ياكى ئۆز كۆڭلىدىكىدەك ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى سەۋەبلىك ئېيتىلىدىغان نارازىلىق.
شىكايەت قىلماق.
شىكايەت خېتى.
شىكايەتنامە، ئەرز.
تۇرسۇن شېجاڭ ئەزالار نامىدىن يېزىلغان بۇ شىكايەتنى ئوقۇپ كۈلۈمسىرىدى.