Uyghur主要词典
چاۋشيەن باش نازارەتچى مەھكىمىسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان ئاپپارات. 1905 - يىلى ياپونىيە چاۋشىيەننى <مۇھاپىزەت قىلىش شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبور قىلغاندىن كېيىن، مۇشۇ شەرتنامىگە ئاساسەن ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا چاۋشىيەندە تەستىقلىغان ھەمدە ئىتومىروفۇمىنى چاۋشيەننىڭ تۇنجى باش نازارەتچىسى قىلىپ تەيىنلەپ، چاۋشيەننىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئىلكىدە تۇتۇپ، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. 1907 - يىلى <چاۋشيەن - ياپونىيە يېڭى شەرتنامىسى> تۈزۈلگەندىن كېيىن، باش نازارەتچى مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ زورايغان. ياپونىيە چاۋشيەننى 1910 - يىلى رەسمىي يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، چاۋشيەن باش ۋالىي مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن