Uyghur→Chinese主要词典
مائىت
دۇنيا تارىخى
麻逸国
má yì guó
فىلىپپىندىكى قەدىمكى دۆلەت مىندولو ئارىلىغا جايلاشقان ياكى لۇسۇن ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېيىلىدۇ. سودا تەرەققىي قىلغان. قۇلنى بىللە دەپنە قىلىش ئەۋج ئالغان. مىلادىن 982-يىلى (سۇڭ سۇلالىسى تەيپىەڭ شىڭگونىڭ 7-يىلى) سودا كېمىسىگە مال بېسىپ، جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىگە ئەۋەتكەن، كېيىن سودا كېمىلىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى ئۈزۈلمىگەن. ⅢⅩ ئەسىردىكى جاۋ رۇشىنىڭ <چەت ئەللەر تەزكىرىسى>، ⅣⅩ ئەسىردىكى ۋاڭ دايۇەننىڭ <يات ئاراللارنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى> ۋە ⅤⅩ ئەسىردىكى فېيشىننىڭ <چەمەنلىك ئارال> دېگەن ئەسەرلىرىدە بۇ دۆلەت تىلغا ئېلىنغان.