Uyghur→Chinese主要词典
خارولد
دۇنيا تارىخى
哈罗德二世
hā luó dé èr shì
(1020 - 1066) ئەنگلىيىدىكى ئانگلو - ساكسون جەمەتىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (1066). غەربىي ساكىسنىڭ گرافى گادېۋىننىڭ چوڭ ئوغلى. 1053-يىلى دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن گرافلىققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەنگلىيە بويىچە ئەڭ چوڭ ھوقۇقلۇق ئاقسۆڭەككە ئايلانغان. 1066-يىلى 1-ئايدا ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد (توۋا قىلغۇچى) ئۆلۈپ، دانىشمەنلەر يىغىنىدا ئەنگلىيە پادىشاھلىقىغا سايلانغان. 9-ئايدا، نۇرماندىيە كىنەزى ۋىليام قوشۇن تارتىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىغا تاجاۋۇز قىلغان. خارولد دەرھال قوشۇن باشلاپ جەڭگە ئاتلانغان. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىككى ئارمىيە خاستىڭ دېگەن جايدا قاتتىق ئېلىشقان، خارولد جەڭدە يېڭىلىپ ئۆلگەن. ۋىليام پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي كوندوننى ئىشغال قىلىپ، ئۆزى ئەنگلىيىنىڭ كورۇلى بولغان. ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئاگلوساكسون دەۋرىگە خاتىمە بېرىلگەن.