Uyghur主要词典
ئارا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ئىككى ئوتتۇرىدىكى ئارىلىق، مۇساپە.
بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارىلىقى 40 كۈنلۈك يول (ماقال).
2 . ۋاقىت، پۇرسەت. شۇ ئارىدا ئۇلار يېتىپ كەلدى. * پات ئارىدا يېتىپ بارىمىز.
خۇدا بويرۇسا باي بولۇپ مال ساتارمىز،
ئارا تاپساق، ئۆيدە بىللە ياتارمىز.
3 . كىشىلەر ئوتتۇرىسىدكى مۇناسىۋەت، ئالاقە. ئارا بۇزۇلماق، ئارا ئوچۇق، ئارىنى ئۈزمەك، ئارىغا قىچا چاچماق، ئارىغا سوغۇقچىلىق چۈشمەك، ئارىدىن قارا مۈشۈك ئۆتمەك، ئارىدىن گەپ ئۆتمەك، ئارىغا تىكەن ئۈنمەك. * ئارىغا شامال كىرمەيدۇ.، ئارىغا قىل سىغمايدۇ.
4 . ئوتتۇرا. ئارىغا ئالماق، ئارىغا قاتماق، ئارىغا ئادەم قويماق.
5 . سۈپەت. ئوتتۇرىچە، ئوتتۇرھال. ئارا بوي، ئارا پاشنا، ئارا شال.
6 . سۈپەت. قولى بوش، بىكار. سەمەت ئىشنىڭ ئارا ۋاقىتلىرىدا يېڭى كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇيتتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
< بېزەك، زىننەت، بېزىگۈچى، زىننەتلىگۈچى> دېگەنگە ئوخشاش ئوقۇملارنى ئاڭلىتىدىغان سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە: دىلارا - كۆڭۈلنى شادلاندۇرغۇچى، سۆيۈملۈك؛ جىلۋە ئارا - چىرايلىق جىلۋىلەر قىلغۇچى؛ مەجىلىس ئارا - يىغىننى قىزىتقۇچى؛ ئارا ئەيلىمەك -بېزىمەك، زىننەتلىمەك؛ ئالەم ئارا - دۇنيا بېزىگى؛ خۇد ئارالىغ - مەغرۇرلۇق، شۆھرەتپەرەسلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېلىشتۈرۈش، ئەپلەشتۈرۈش.
ئۇرۇشقانغا ئارا تۇر. سالاغا كەتكەن قېرىندىشىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەيئىنىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ ياكى ئىككى شەيئىنىڭ ئىچىدىكى ئورۇن، مەركەز.
<ئارا> نىڭ <ئىچ> مەنىسى بار.
ئوتتۇرا مەكتەپ؛ ئوتتۇرا ئاسىيا؛ ئوتتۇرا شەرق. باشتا سۆز بولسا، ئوتتۇرىدا گەپ بولمايدۇ. ئوتتۇرىدا بۇرۇن بولمىسا، ئۇ كۆز بۇ كۆزنى يەيتتى. دوستلار ئارىسىدىكى پىكر تۈنەپ قالسا بولماس. مايمۇنلارنىڭ ئارىسىغا بارساڭ، گۈزەل ئىزدەپ ئاۋارە بولما.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئارا.
كىشى ئارا كىردىم _ خەلق ئارىسىغا كىردىم.
1 - 118
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئارا، ئوتتۇرا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى.ئىككى نەرسە ياكى ئىككى نۇقتا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە، ئارىلىق.
بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارىسى 40 كۈنلۈك يول (ماقال).
ئى. قاتار، سەپ؛ ئوتتۇرا.
ئارىغا ئالماق. ئارىغا قاتماق.
مەن ئۈچ ئوغۇل ئارىسىدا بىر قىز ئىدىم.
ئى. ئىككى ۋەقە، ھادىسە ياكى پەيت ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىت؛ پۇرسەت.
ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، زۇلال ئۇنى بىرەر قېتىممۇ يوقلىمىدى.
ئى. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت؛ ئالاقە.
ئارىنى بۇزماق، ئارىنى ئۈزمەك.
سۈپ. ياخشىمۇ ئەمەس، يامانمۇ ئەمەس، چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس، ئېگىزمۇ ئەمەس، پەسمۇ ئەمەس؛ ئوتتۇرا ھال.
ئارا پاشنا. ئارا بوي.
بۈگۈن بازاردىن سېتىۋالغان ماللىرىمىز ئالاھىدە مالمۇ ئەمەس، ئارا نەرسىلەر.
سۈپ. قولى بوش، قولىدا ئىش يوق؛ بىكار.
- مەريەم ھەدە، خىزمەتنىڭ ئارا ۋاقىتلىرىدايېڭى كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇپ بېرىڭ. مۇنداق كىتابلار مەندە بار، - دەپ مەسلىھەت بەردى ئايتۇرسۇن.
تىر 1( باش كېلىشتىكى ئايرىم ئىسىملارنىڭ كەينىگە تىركىلىپ كېلىپ <ئارىسىدا، ئارىلاپ> دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
باغ ئارا سەيلە قىلىشتىن مەڭگۈ ئەلا كەشپىيات، ئاتىغىن ئۆمرۈڭنى پەنگە مەنىلىك ئۆتۈپ ھايات. 2) باش كېلىشتىكى ئايرىم ئىسىملارغا تىركىلىپ كېلىپ، <ئوتتۇرىسىدا> دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ:
كىممۇ بىلمىسۇن بۇ ئۆيدە شۇ كۈن، ئەر - خوتۇن ئارا بولغان تەنىنى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دېھقانچىلىق سايمىنى، چاپچا.
ياغاچ ئارا، تۆمۈر ئارا.
خامىنىڭغا بار دەيسەن،
شامال چىقسا، ئارا دەيسەن،
يېشۆيۈەنگە بار دەيسەن،
مېنىڭ دەردىمگە دورا دەيسەن.