Uyghur→Chinese主要词典
ناگې
دۇنيا تارىخى
纳吉
nà jí
(1896 - 1958) ۋېنگرىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى (1953 - 1955)، ۋېنگرىيە ۋەقەسىنىڭ باشلىقى، كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، روسىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن. 1918-يىلى ۋېنگرىيە كومپارتىيىسىگە كىرگەن. 1921-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1927-يىلى قولغا ئېلىنغان. ئىككىنچى يىلى ئاۋسترىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1929-يىلدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. 1945 - 1947-يىللىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1948-يىلى ۋېنگرىيە كومپارتىيىسى بىلەن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلىشىپ ئەمگەك خەلق پارتىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان چاغدا مەركىزي كومىتېت ئەزالىقىغا ۋە مەركىزىي سىياسىي بيۇرو ئەزالىقىغا سايلنغان. كېيىن مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1955-يىلى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ھەمدە ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان. 1956-يىلى 10-ئايدىكى ۋېنگرىيە ۋەقەسى مەزگخلىدە زۇڭلى بولغان. كېيىن قولغا ئېلىنغان. 1958-يىلى 6-ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن