Uyghur主要词典
ياپماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ياپماق، بېكىتمەك، قاپلىماق، يوشۇرماق:
يايماق، سالماق:
توسىماق؛ باسماق:
تۇرار فەرش ئۆزرە ئەجەب سەندەلى،
ياپىغلىق ئانىڭغە ياشلىق بەخمەلى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. گەھى سەر بەرەھنە گەھى ياپىبان،
گەھى يىغماق ئېردى گەھى چاپىنان.
ئا. نىزارى، ن.ز ىيائى.
3. يۈزۈڭ ئاللىدە ھەر نەفەس تۇتما كۆزگۈ،
قۇياشنى قەمەر ياپماق ئېرمەس مۇناسىپ.
نەۋايى.
4. ياپتى قەۋۋەسى قەزا بىر - بىرىگە مۇشكىن قەۋس،
ئاتقالى كىرپىك ئوقىن جان بىلە كۆڭلۈم سارى ۋاي.
نەۋايى.
5. قېنى سۇلتانۇ شاھىدۇ خەيلى،
بارچەسىن ياپتى ئەجەلنىڭ زەيلى.
نەۋايى.
قىلماق، ياسىماق، ياراتماق:
يوق قىلماق، تۈگەتمەك:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يۇشۇرماق؛ كىيىندۈرمەك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوچۇق، ئاشكارا، كۆرۈنۈپ تۇرغان ھالەتنى يېپىق، يوشۇرۇن، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ئاچماق
يېپىق، توسۇق، يوشۇرۇن ھالەتنى ئوچۇق، راۋان، ئاشكارا ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ئاش كەلسە ئاغزىڭنى ئاچ، سۇ كەلسە سۈڭگۈچنى. دېرىزەڭنى ئاچ، تىنچىقتىن قاچ. چوشقىغا ئالتۇن يوپۇق ياپساڭمۇ چوشقا. سېخىي ئېچىپ يەيدۇ، بېخىل يېپىپ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە. كۆزىنى يۇمغان پوقىنى يەر. ئاچسام ئالقىنىمدا، يۇمسام سىقىمىمدا. ئاغزىڭنى يۇم، يوق گەپنى قىلما.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ياراتماق، قۇرماق، ياسىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنىڭ يۈز قىسمىنى، تاشقى كۆrۈنۈشىنى، قىياپىتىنى توسماق، بىرەر نەرسە بىلەن قاپلىماق، ئەتمەك.
قىز بىر نېمىلەرنى دېدى - دە، قوللىرى بىلەن يۈز - كۆزىنى ياپقىنىچە ياتاققا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى.
ئوچۇق تۇرغان نەرسىنىڭ ئۈستىنى ئەتمەك، قاپلىماق، ئورىماق، چۈمكىمەك.
ئاشپەزلەر ھاكىمنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ توپا باسقان قازانلىرىنى سۈرتۈپ بولۇپ، ئاشخانىنىڭ بۇلۇڭىدا يىغىلىپ تۇرغان كۆكتات شۆپۈكلىرىنى پالاس بىلەن ياپتى.
ئوچۇق، يېپىقلىق تۇرغان نەرسىنى يىغماق، يىغىشتۇرماق (كىتاب، دەپتەر ھەققىدە).
دەپتەرنى ياپماق، گېزىتنى ياپماق.
ئۇ نىجاتنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ژۇرنالنى ياپتى.
يېپىپ كىتابنى ئۆزۈمگە سوئال بېرىمەن، ناۋائىي قانداق بىر ئۇلۇغ ئىنساندۇر دەيمەن.
ئۆي، ئىمارەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىنى بېكىتمەك، ئەتمەك؛ توسماق.
ئېغىلنى ياپماق، كاتەكنى ياپماق.
قويماق، باسماق.
ئۇ بۇ قېتىممۇ ھەرھالدا ئارام بولۇپ قالسۇن، دېگەن ئۈمىدى بىلەن قۇددۇسنىڭ بېشىغا سوغۇق سۇغا چىلانغان ھۆل لۆڭگە ياپتى.
كۆچمە. يوشۇرماق، مەخپىي تۇتماق، سىرلىق قىلىپ كۆرسەتمەك.
پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن ياپقىلى بولماس (ماقال) * بېجىل تاپسا يېپىپ يەيدۇ، سېخىي تاپسا ئېچىپ يەيدۇ (ماقال).