Uyghur主要词典
ساراڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقلى كۇتا، كاللىسى جايىدا ئەمەس.
ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى. تېگى - تەكتىدىن پەخىرلىنىش _ جىندىنىڭ ئىشى. بىر ئېلىشاڭغۇ مىڭنى كاردىن چىقىرىدۇ. تەلۋە بىلەن تەڭ بولما. گەپ قىلمىغىن تەلۋىگە، تەلۋە ئامراق غەلۋىگە. ئادەمنىڭ جېنى چىقىۋاتسا، گالزاڭنىڭ كۈلكىسى كېلەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلىدىن ئاداشقان.
ساق ، ئوڭ
ئەقلى - ھوشى جايىدا.
ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى. ئوڭ ساراڭدىن قورقماس. ساراڭ يۈگۈرگەن ياققا ساقمۇ يۈگۈرەر. قارا ئاقارماس، ساراڭ ساقايماس. جىندى جېنىدىن جۇدا بولمىغۇچە تۈزەلمەس. بىر ئېلىشاڭغۇ مىڭ ساقنى كاردىن چىقىرار. تەلۋە زەنجىر ئۈزەر. ئۇنىڭ بىر ۋىنتىسى كەم ئوخشايدۇ، يوقىلاڭ گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بېشىدا زاغۇنى (سۈيى) بار ئادەمگە ئەقىل ئۆگىتىمەن دەپ ئاۋارە بولما. ئۇنىڭ كاللىسى جايىدا ئەمەس، بىر تاسقام بار كۆرۈنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەقلىدىن ئازغان كاللىسى نورمال ئىشلىمەيدىغان؛ مەجنۇن.
ساراڭ خوتۇن. ساراڭ بالا.