Uyghur主要词典
ساچراتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چاچراتتى.
ئول ماڭا سۇۋ ساچراتتى _ ئۇ ماڭا سۇ چاچراتتى، ئۇ ماڭا سۇ چاچرىتىپ قويدى. بۇ سۆز بىر قاچىدىن بىر قاچىغا سۇ، ياغ ياكى ھەرقانداق سۇيۇقلۇق قۇيۇلغاندا، ئۇنىڭ چاچراپ چاپانغا ۋە باشقا نەرسىلەرگە تەگكىنىگە ئېيتىلىدۇ. شۇنىڭدەك بىر كىم ئوتۇن سۇندۇرغاندا، ئوتۇن پارچىسىنىڭ چاچراپ چىقىشىغىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. تۇزاقنىڭ بىر خىلى « ساچراتغۇ _ ساچراتقۇ» دېيىلىدۇ. بۇ مۇنداق بولىدۇ: ئىككى چىۋىقنىڭ ئىككى بېشى چىگىلىپ، ئىلغۇلار بېكىتىلگەن يىپ بىلەن باغلىنىدۇ. ئاندىن توپىغا كۆمۈپ، تۆپىسىگە دان چېچىپ قويۇلىدۇ. قۇش دانلىغىلى چۈشۈش بىلەن ئىلغۇ بوينىدىن، يا پۇتىدىن ئىلىۋالىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ساچراتغۇدىن قورقمىش قۇش قىرق يىل ئازرى يىغاچ ئۈزە قونماس _ ساچراتقۇدىن بىر قېتىم قورققان قۇش قىرىق يىلغىچە ئاچا ياغاچ ئۈستىگە قونماس. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «» دېگەن سۆزىگە ئوخشايدۇ ( ساچراتۇر _ ساچراتماق).
2 - 484