Uyghur主要词典
سال
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كۆل، دەريالاردا ئېقىتىش ياكى ئۇنىڭدىن ئۆتۈش ئۈچۈن بىر - بىرىگە چېتىپ باغلانغان ياغاچ.
سال باغلىماق. * ئېقىتماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
سالماق، سېلىش.
1 . قاپلاپ كىيگەن كىيىملەرنى يەشمەك. چاپاننى سالماق. * ئۆتۈكنى سالماق.
2 . بىرەر نەرسىنى ئاغزىغا بوش يەرگە تىقماق، قويماق. قەلەمنى يانچۇققا سالماق. * ئوچاققا ئوتۇن سالماق. * پىچاقنى غىلاپقا سالماق. * بالىنىڭ ئاغزىغا ئەمچەك سالماق. * ئاغزىغا ئىمان، ئىلىم سالماق.
3 . كەمتۈك يەرنى تولدۇرماق. چىش سالماق. * دېرىزىگە ئەينەك سالماق. * ئۈزۈككە كۆز سالماق.
4 . يايماق. كىگىز سالماق. * يوتقان سالماق. * داستىخان سالماق. * ئۆيگە گىلەم سالماق.
5 . سۇ ياكى سۇيۇقلۇققا بىرەر نەرسىنى تاشلىماق، قوشماق. ئاشقا تۇز سالماق. * چايغا قەنت سالماق. * قايناقسۇغا چاي سالماق. * قازانغا چۆپ سالماق. * ئاشقا زەھەر سالماق. * دەرياغا تور سالماق. * كۆلگە قارماق سالماق.
6 . دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئىشلەتمەك. يەرگە سۆرەم، ساپان، تۇلۇق ۋە ئۇرۇق سالماق.
7 . ياسىماق. كۆۋرۈك سالماق. * تونۇر سالماق. * مەكتەپ سالماق. * ئۆي سالماق. * ئوچاق سالماق.
8 . مۇسانىقىگە قاتناشتۇرماق. پالۋاننى چېلىشقا سالماق. * ئاتنى بەيگىگە سالماق. * سۆزمەننى بەسكە سالماق.
9 . بىرەر ئىش ھەرىكەتكە پۇل، سەرمايە سالماق. مەبلەغ سالماق، دەسمايە سالماق.
10 . بىرەر مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئارتماق. سېلىق سالىماق. * تويلۇق سالماق.
11 . يايماق، نەملىكنى قۇرتماق. قاق سالماق. * يوتقاننى ئاپتاپقا سالماق.
12 . ئۇرماق، تىقماق. كاچاتقا سالماق. * پىچاق سالماق. * ئاتقا قامچا سالماق.
13 . ئېلىپ ماڭماق، باشلاپ ماڭماق. جىنايەتچىنى ئالدىغا سېلىپ ماڭماق. * بالىلارنى كەينىگە سېلىپ ماڭماق.
14 . بىرەر نەرسە ئۈسىتىگە بىر نەرسە بېكىتمەك. ئىشىككە قۇلۇپ سالماق. * مىلتىققا ئوق سالماق. * ئۆتۈككە چەم سالماق. * جاپانغا ياماق سالماق.
15 . بىرەر ئىشقا كىرىشتۈرمەك. زاۋاۇتنى ئىشقا سالماق. * ئادەمنى ئىشقا سالماق. * قوشۇننى جەڭگە سالماق. * قۇشنى توشقانغا سالماق.
16 . بىرەر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويماق. ئەندىشىگە سالماق. * تەشۋىشكە سالماق. * ئېغىر ئەھۋالغا سېلىپ قويماق.
17 . ساڭگىلاتماق. بېشىنى تۆۋەن سالماق. * قولىنى سالماق. * قوساق سالماق. * قاپىغىنى سالماق.
18 . ئاچماق، قاتلاقنى تۈزىمەك. رەم سالماق* پال سالماق. * دەزمال سالماق.
19 . ئەسلەتمەك. يادىغا سالماق. * ئېسىگە سالماق. * سەمىگە سالماق.
20 . مەلۇم بىر نەرسە بىلەن ئۆلچىمەك. يەرگە مېتر سالماق. * ئۈزۈمنى جىڭغا سالماق. * ئالتۇننى تارازىغا سالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
جەريان باغلامچىسى. بەزى ئىسىملارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
نەزەر سالماق. *قۇلاق سالماق. * كۆز سالماق. * تىل سالماق. * پاراڭ سالماق. * پال سالماق.
«پ» لىك رەۋىشلەردىن كېيىن كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىختىيارسىز يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ يىغلاپ سالدى. * مەنسۇر كۈلۈپ سالدى. * مەن ئۇنىڭ پۇتىغا دەسسەپ سالدى. *بۇ گەپ ئاغزىمغا كەپقالدى، دەپ سالدىم.
يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن «مەس // مەسلىك // ماسلىق»قا قوشۇلۇپ كېلىپ، قەستەن قىلماق مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بىلىپ تۇرۇپ، بىلمەسلىك سالماق. * كۆرۈپ تۇرۇپ، كۆرمەسكە سالماق. * ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئاڭلىماسلىققا سالماق. * قورقۇپ تۇرۇپ، قورقماسلىققا سالماق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يىل؛ ياش؛ قېرى؛ دەۋر؛ تارىخ: سالۇماھ - يىل ۋە ئاي؛ كوھەن سال - قېرى؛ سال ئازما - تەجرىبىلىك، چېنىققان، كۆپ ئىش كۆرگەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت بىرلىكى، يەر شارىنىڭ كۈن ئەتراپىدا بىر ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت.
بىر يىل 365 كۈن ئالتە سائەت توققۇز مىنۇت 10 سىكۇنت. ئاتىسى ئۆلگەننى يەتتە يىل قوغلاش. يىل يۈر، ئامان يۈر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سال.
«تار» سۆزىمۇ مۇشۇ مەنىدە.
3 - 214
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سىر.
يېلىمدىن ياسالغان يېپىشقاق نەرسە. چىن قاچا - قومۇچلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەرسىلەرگە سۈرتۈلگەندىن كېيىن، ئۈستىگە گۈل سىزىلىدۇ.
3 - 214
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تىقماق،كىرگۈزمەك، سالماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<فاتن> كۆل، دەريالاردا يۈرۈش ياكى ئۇنىڭدىن ئۆتۈش ئۈچۈن، ياغاچ، تاختايلارنى بىر - بىرىگە چېتىش ئارقىلىق ياسالغان قاتناش قورالى.
يىگىت ياغاچلارنى چېتىپ سال ياساپ دەريادىن ئارالغا ئۆتۈپتۇ.
<ئورم> سۇدا ئېقىتىپ يۆتكەش ئۈچۈن، بىر - بىرىگە چېتىلغان ياغاچلار.
ھەپتە - ھەپتىلەپ كۈن - تۈن سۇ ئىچىدە يۈرۈپ، سال ياساپ ئىلىغا ياغاچ يۆتكەيتتۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. قول بارماقلىرىنىڭ ئارىسى، ئارىلىق.
سۈپ. مەلۇم يۆنىلىشتە يول - يول قىلىپ تەكشىلەنگەن، تۈپتۈز، تەكشى قىلىنغان.
سالا ئېتىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كېلىشتۈرۈش ياكى ئۆز رايىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان دەۋەت، بېرىلگەن تەكلىپ، مەسىلىھەت؛ سۈلھى.
مانا قىسمەتئاخۇن تۇرۇپتۇ ئۆزى ھەممە سالادا بار، شۇنداق ئەمەسمۇ قىسمەتئاخۇن؟