Uyghur主要词典
ھادى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يول باشلىغۇچى، توغرا يول كۆرسەتكۈچى، يېتەكچى، رەھبەر؛ پىر، مۇرشىد:
چۈن تەرىقەت يولىغە كىرمەكنى قىلدىڭ ئىختىيار،
ئەۋۋەلا بىر مۇرشىدى ھادىنى قىلغىل ئىنتىخاب.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توغرا يول كۆرسەتكۈچى، داھى، ھىدايەت قىلغۇچ، يول باشلىغۇچى، يېتەكچى: ھادى كامىل - ماھارەتلىك يول باشلىغۇچى، تەجرىبىلىك رەھبەر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
سەردار، يول باشچى، يول كۆرسەتكۈچى؛ جىمجىت، تىنچ، مۇلايىم