Uyghur→Chinese主要词典
كاۋكاز
دۇنيادىكى شەھەرلەر
高加索
gāo jiā suǒ
سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسىدىكى قارا دېڭىز، ئازوف دېڭىز ۋە كاسپىي دېڭىزى ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ جايلارنى كۆرسىتىدۇ. شىمالى كوم - مانچ پەسلىكىدىن جەنۇبىي دۆلەت چېگرىسىغا قەدەر سوزۇلىدۇ. مەيدانى 440 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چوڭ كاۋكاز تاغلىرى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ بۇ رايوننى ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇنىڭ شىمال تەرىپى شىمالىي كاۋكاز ياكى ئالدىنقى كاۋكاز دەپ ئاتىلىپ، روسىيە فېدېراتسىيە تەركىبىگە كىرىدۇ؛ جەنۇب تەرىپى جەنۇنىي كاۋكاز ياكى سىرتقى كاۋكاز دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قىسمى گرۇزىيە، ئەرمەنىستان، ئەزەربەيجاندىن ئىبارەت ئۈچ جۇمھۇرىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر شەكلىدە تاغلىق (ئىلبورس چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 5642 مېتىرغا يېتىدۇ)، ئېگىز تەكشىلىك، تۈزلەڭلىك، پەسلىكلەر ئارىلاش تارقالغان. ئىقلىمىدا قۇرغاق نەم، مۆتىدىل، سۇبتروپىك قاتارلىق ھەرخىل ئىقلىم بەلباغلىرى ئۇچرايدۇ. كۇرا، كۇبان، كۇما، تېرېك قاتارلىق دەريالار مۇشۇ تاغلاردىن باشلىنىدۇ. تاغلىقلاردا مۇزلۇقلار، ئارشاڭ بۇلاقلار خېلى كۆپ. بۇ جايدا سۇبتروپىك كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلار، ئورمانلىق ئوتلاقلار، ئوتلاقلار ھەمدە يېرىم چۆل بەلباغلىرى بار. كان بايلىقلىرىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، مارگانتېس، قوغۇشۇن، سىنك قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. كاۋكاز رايونىدا نۇرغۇنلىغان تەبىئىي قوغداش رايونلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,ئۇنىۋېرسال
高加索
gāo jiā suǒ