Uyghur主要词典
راباخ
دۇنيا تارىخى
(1835-1900)بورنۇ پادىشاھلىقىنىڭ سۇلتانى. ئەسلى ئوفىتسېر بولغان. 1879-يىلى گازال رايونىدا ئەنگلىيە ۋە مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ چادكۆلى ئەتراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. مەھدى ھەرىكىتىگە مەدەت بەرگەن. 1893-يىلى بورنۇغا بېسىپ كىرىپ ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئاتاپ دېكىيانى پايتەخت قىلغان. 1899-يىلى كونى شەھىرىدىكى ئىككى قېتىملىق جەڭدە فرانسيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 1900-يىلى كۈسلىدىكى جەڭدە قۇربان بولغان ئۇنىڭ ئوغلى فرانسىيىگە قارشى كۈرەشنى يىل بويى داۋاملاشتۇرۇپ ئۇمۇ مەغلۇپ بولغان. بورنۇ ئەنگلىيە ۋە فرانسيە تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان.