English→Uyghur主要词典
U. S. A.
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئامېرىكا
The United States of America
ئامېرىكا
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى
شىمالىي ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. غەربىي تىنچ ئوكيان، شەرقىي ئاتلانتىك ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. شىمالىي كانادا، جەنۇبى مېكسىكا بىلەن چېگرىداش. مەيدانى 9 مىليون 363 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، قالسا 4 - ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىسى 240 - مىليون 468 مىڭدىن ئاشىدۇ (1986)، بۇنىڭ 80% نى ئاق تەنلىكلەر، 11.6% نى نېگىرلار، 3.1% مېكسىكىلىقلار، قالغان قىسمىنى باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئا ق ش ئاھالىسىنىڭ مىللىي تەركىبى بەك مۇرەككەپ، بۇ جايدا ئولتۇرقالاشقان خەنزۇلارمۇ بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. ئاھالىسى ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. كۆپ قىسمى خرىستىئان دىنىغا، ئۇندىن قالسا كاتوللك، يەھۇدى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئا ق ش دىكى ئەرەبلەرنىڭ سانىمۇ 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئا ق ش 50 شتات بىلەن قوشما شتاتلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئائلىدۇ. ئا ق ش نى چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ شەرق، غەربىدىن ئىبارەت ئىككى تەرىپى ئېگىز تاغلار، ئوتتۇرا قىسمى تۈزلەڭلىكلەر، غەربىي قىسمى شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان بىر نەچچە تارماق تاغلىقلار، تاغلىقلار ئارىلىقىدا ئېگىز تەكشىلىك ئويمانلىقلار ئوراپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى كەڭ كەتكەن مۇنبەت تۈزلەڭلىك بولۇپ، ئا ق ش نىڭ ئەڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا قىسىم تۈزلەڭلىكىنىڭ غەربىدە مەشھۇر چوڭ يايلاق بەلبېغى بار. شەرقىي قىسمىدا ئەگرى - توقاي پەس ئاپپالاچ تاغلىرى، ئۇنىڭ شەرقىدە دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىك رايونى بار. مىسسىسىپى دەرياسى ئا ق ش نىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى شىمالدىن جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدۇ. كانادا بىلەن ئا ق ش چېگرىسىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان بەش تاتلىق سۇلۇق كۆل رايونى بار. ئا ق ش نىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، جەنۇبتىكى ئازراق قىسمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا، شىمالى سۇبتروپىك دېڭىز - ئوكيان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئا ق ش دا كان بايلىقلىرىنىڭ تۈرى، زاپىسى ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈر رۇدىسى، مىس، ۋۇلفرام، مولبىدىن، كالىي تۇزى، گۈڭگۈرت، ئوران، سېنك، قوغۇشۇن قاتارلىقلار مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ جاي ئەسلى ئىندىئان خەلقلىرىنىڭ ماكانى ئىدى. 16 - ئەسىردىن باشلاپ ئىسپانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق مۇستەملىكچىلەر ئارقا - ئارقىدىن بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 17 - ئەسىردىن 18 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگلىيە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدا 13 مۇستەملىكە ئىگىلىگەن. 1775 - يىلى مۇستەملىكە ئورۇنلىرىدىكى خەلقلەر ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1776 -يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىدا <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى> نى ماقۇللاپ،4 13 مۇستەملىكىنىڭ ئەنگلىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1783 - يىلى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ، ئەنگلىيە بىلەن ئا ق ش پارىژ كېلىشىمىنى ئىمزالىغان، بۇ كېلىشىم بويىچە ئەنگلىيە مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ شەرقى ئا ق ش نىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. 1787 - يىلى فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان، كېيىن سىڭىپ كىرىش، قوراللىق ئارىلىشىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن يېرىنى تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىغا قەدەر كېڭەيتكەن. 1861 -، 1865 - يىللاردىكى جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىن كاپىتالىزم تېز تەرەققىي قىلىشقا ياشلىغان. 19 - ئەسىرىنىڭ ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. 1898 - يىلى ئىسپانىيىگە قارشى تۇرۇش ئېلان قىلىپ ئىسپانىيە قولىدىن پوئېرتورىكو، گۇئام، فىلىپپىن قاتارلىق ئورۇنلارنى تارتىۋالغان ھەمدە ھاۋاي ئاراللىرىنى ئىشىغال قىلىۋالغان. 1903 - يىلى پاناما قانال رايونىنى ئىگىلىگەن. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا كاپىتالىزم دۇنياسىدىكى ئۈستۈنلۈك ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. ئا ق ش نىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى ئاز ساندىكى مونوپول كاپىتال گۇرۇھى كونترول قىلىدۇ. سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، چەتكە كاپىتال چىقىرىش، سىرتقى سودا جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. پولات - تۆمۈر، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى بىلەن قۇرۇلۇش بىناكارلىق ئا ق ش نىڭ ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. ھەربىي سانائەتمۇ ناھايىتى زور تارماقنى ئىگىلەيدۇ. سانائەت ئاساسەن دۆلەتنىڭ شىمال ھەم شەرقىي شىمال رايونىغا مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە نيويورك، فىلادېلفىيە، باستون، چېكاگو، دېتىرويىت، پىتتىسىپۇرگ قاتارلىق شەھەرلەر ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يېزا ئىگىلىكنىڭ مەخسۇسلىشىش سەۋىيىسى يۇقىرى. بۇ يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنى باشقۇرۇشنى مەخسۇسلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى مەخسۇسلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كۆممىقوناق، دادۇر، پاختا قاتارلىقلارنىڭ ئېكسپورتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. چارۋىچىلىقىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ئاساسلىقى كالا، ئۇنىڭدىن قالسا چوشقا، قوي بېقىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى، بىر يېزا ئىگىلىك ئىشچىسى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار بىلەن 58 كىشىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. قاتناش ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان. تۆمۈريول، تاشيوللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چەت ئەللەرگە ھەرخىل ماشىنا، خىمىيە — سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىدۇ، نېفىت، كان مەھسۇلاتلىرى، كىيىم - كېچەك، تروپىك بەلباغ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ تولۇق نامى <ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى> بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، شەرقىي ئاتلانتىك ئوكيانغا، غەربى تىنچ ئوكيانغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ نامى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان. ئامېرىكا پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەسىگە ئوخشاش، ئەسلى ئىندىئانلارنىڭ يۇرتى بولۇپ، باھايتى بۇرۇنلاردىن باشلاپلا، ئىندىئانلار بۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن. شىمالىي ئامېرىكىنى كولومبۇ جەنۇبىي ئامېرىكىنى بايقاپ بەش يىلدىن كېيىن، يەنى 1497 - يىلى ئىتالىيىلىك يوھان. كېربوت ئىسىملىك بىر كىشى بايقىغان. 18 - ئەسىردىن ئىلگىرى، ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئامېرىكىغا كېلىپ زېمىن ئىگىلگەن ۋە ئۇ يەرگە نۇرغۇن كۆچمەن يۆتكىگەن. ئىسپانىيە، پورتۇگالىيىلىكلەر ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن، ئەنگلىيە بولسا شىمالىي ئامېرىكىدا < 13شتات بىرلەشمە مۇستەملىكىسى> نى قۇرغان. 1775 - يىلى 13 مۇستەملىكە خەلقلىرى گىئورگى. ۋاشىنگتوننىڭ رەھبەرلىكىدە، مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى قوزغاپ، 1776 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى <مۇستەقىللىق خىتابنامىسى> نى جاكارلاپ، تۇنجى قېتىم <ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى> نامىنى ئىشلەتكەن. <ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى> نامىنى ئىشلەتكەن. <ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى> ۋە <ئامېرىكا> ئىنگلىزچىدە ئوخشاش بىر سۆز بۇلۇپ، ئالدىنقىسى ئامېرىكا دۆلىتىنى، كېيىنكىسى پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەسىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا قۇرۇلۇش بىلەنلا ئامېرىكا قىتئەسىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ نامىنى دۆلەت نامى قىلىپ ئىشلەتكەن. 1787 - يىلى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىي <ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى> دېگەن دۆلەت نامىنى رەسمىي ماقۇللىغان.
1950 - يىلى ھاۋاي ئارىلى ئامېرىكىنىڭ 50 - شىتاتى بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ پۈتۈنلىكى تاماملانغان.
ئامېرىكىنىڭ يەر مەيدانى 9.372614 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 261 مىليون. بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيە، ئېرلاندىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە كۆچمەنلىرى ئاساس قىلىنغان ياۋروپالىق ئاق تەنلىكلەر 84%نى ئىگىلەيدۇ. يەنە 12% نېگىرلار، 3% ئاسىيالىق، 1% ئىندىئان بار. ئۇندىن باشقا ئولتۇراقلاشقان ياكى كېلىپ - كېتىپ تۇرىدىغان مىللەتنى ھېساب قىلغاندا 100 نەچچە مىللەتكە يېتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا مەدەنىيىتى <كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت> دېيىلىدۇ. ئاھالىنىڭ 65%ى خرىستىئان دىنىغا، 24%ى كاتولىك دىنىغا، 3%ى يەھۇدى دىنىغا، 1.5%ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا پراۋۇسلاۋىيە، ھىندى دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار. پايتەختى ۋاشىنگتون، ب د ت باش شتابى نيو - يوركتا، پۇل بىرلىكى ئامېرىكا دوللىرى.
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقى < يۇلتۇزلۇق بايراق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بايراق يەتتە قىزىل بەلدەم بىلەن ئالتە ئاق بەلدەمدىن تەركىب تاپقان، سول تەرەپنىڭ ئۈستى بۇلۇڭغا جايلاشقان كۆك تىك تۆت تەرەپلىكنىڭ بەش بۇرجەكىلىك ئىچىدە 50 ئاق يۇلتۇز بولۇپ، توققۇز رەتكە تىزىلغان. بىر قىزىل بەلدەمنىڭ ئارىلىقىغا بىر ئاق بەلدەم قويۇلغان 13 بەلدەم ئامېرىكا دۆلىتى قۇرۇلغان چاغدىكى 13 شىتاتنى بىلدۈرگەن، كۆك تىك تۆت تەرەپلىكنىڭ ئىچىدىكى بەش بۇرجەكلىك 50 ئاق يۇلتۇز ئامېرىكىنڭ ھازىرقى 50 شىتاتىنى بىلدۈرگەن. 1782 - يىلى ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل رەڭ قۇدرەتلىك بىلەن باتۇرلۇقنىڭ، كۆك رەڭ ھوشىيارلىق بىلەن قەتئىي تەۋرەنمەسلىكنىڭ، ئاق رەڭ ھەققانىيەت بىلەن پاكلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
1775 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇستەقىللىق ئۇرىشى قوزغىغان. 1776 - يىلى 4 - ئىيۇلدا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلىتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. 1818 - يىلى ئامېرىكا پارلامېنىتى قانۇن ئارقىلىق قوشما شىتاتلىرىغا ھەر بىر يېڭى شىتات قوشۇلسا، دۆلەت بايرىقىغا بىر يۇلتۇز قوشۇشنى بەلگىلىگەن. شۇڭا، دۆلەت بايرىقىدىكى بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشى دەسلەپكى دۈگلەكسىمان شەكىلدىن ھازىرقى توغۇرىسىغا تىزىشقا ئۆزگەرگەن. ھازىرقى بۇ < يۇلتۇزلۇق بايراق> ئامېرىكا تارىخىدىكى 28 - دۆلەت بايرىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1782 - يىلى ئامېرىك ئاق باشلىق شۇڭقار ئاساسىي كۆرۈنۈش قىلىنغان دۆلەت گېربىنى تۈزۈپ چىققان. شۇڭقارنىڭ سول قولىدىكى يېشىل غغارغار تىنىچلىققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى، ئوڭ قولىدىكى 13 ئوقيا يېڭىلمەس ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن.شۇڭقارنىڭ كۆكسىدىكى قىزىل ۋە ئاق 13 تىك سىزىق بىلەن كۆك جايىدىكى 13 ئاق يۇلتۇز ئامېرىكىنى بەرپا قىلغان 13 شىتاتنى، كۆك رەڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى بىلدۈرگەن. شۇڭقارنىڭ ئاغزىدىكى بىر سېرىق لېنتىغا لاتىنچە < بىرلىشىشىنىڭ مەقسىتى بىر > دېگەن سۆز يېزىلغان. چوققىدىكى دۈگلەكسىمان بېزەك ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەر سىستېمىسىدىكى بىر يېڭى يۇلتۇز تۈركۈمىگە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئەتىگەنكى قۇياشتەك جەزمەن كەڭ زېمىننى يورۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.