Uyghur→Chinese主要词典
ماناما
دۇنيادىكى شەھەرلەر
麦纳麦
mài nà mài
ئەرەب (پېرسىيە) قولتۇقىنىڭ غەربىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت بەھرەيىننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، مۇھىم پورت شەھىرى. شەھەر ئاھالىسى 150 مىڭدىن ئوشۇق (1980) بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ 5/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ماناما شەھىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پېرسىيە قولتۇقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم سودا ۋە پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ كەلگەن. 1958 - يىلى ئەركىن شەھەر بولۇپ ئېلان قىلىندى. 1962 - يىلى چوڭقۇر سۇلۇق پورت قۇرۇلدى، ھازىر بۇ شەھەر بىلەن شەھەر يېنىدىكى موخەيراگ ئارىلىدىكى موخەيراگقا 2.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يول سېلىندى. ھازىر بۇ جايدا نېفىت ئايرىش، كېمىسازلىق، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ماناما ئەرەب دۇنياسىدىكى يېڭى پۇل مۇئامىلە مەركىزى، 1973 - يىلدىن باشلاپ تېز تەرەققىي قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق بويىچە مۇھىم پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلاندى. ھازىر چەت ئەللەرنىڭ 48 چوڭ بانكىسىنىڭ مانامادا تۇرۇشلۇق شۆبە بانكىسى بار. بەھرەيىننىڭ ئۆز بانكىسىمۇ 19 غا يېتىدۇ.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
马纳马
mǎ nà mǎDئۇنىۋېرسال
麦纳麦
mài nà mài