Uyghur主要词典
تۆھمەت
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىرەر مۇددىئا بىلەن بىراۋغا چاپلىغان يوق جىنايەت.
خۇشامەت، يالاقچىلىق، تەخسىچىلىك
بىرەر تەمە بىلەن بىراۋغا قىلىنغان غەيرىي تەبىئىي مۇئامىلە، كۈچۈكلىنىش.
خۇشامەت قىلالىغان كىشى تۆھمەتمۇ قىلالايدۇ. يالاقچىلىق قىلغان يالمۇ چاپلايدۇ. تەخسىچىلىك قىلغان قارا چاپلاشنىمۇ بىلىدۇ. خۇشامەت قىلىش - ھاقارەت قىلىش بىلەن باراۋەر. خۇشامەت - يېرىم تىل - ئاھانەت. خۇشامەت، يالاقچىلىق، تەخسىچىلىك ئۆزىگە لايىق بولمىغان نام - ئورۇن، شان - شۆھرەتكە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوقىلاڭ باھانىلارنى تېپىپ، كىشىنىڭ نام _ نىشانىغا داغ تەككۈزۈش، زىيانكەشلىك.
تۆھمەتتە ھەقىقەت يوق، يالغاندا لەززەت .بوھتان يىلاندەك ئۆمىلەپ كېلىدۇ. تاپقىنى تۆھمەت _ قارا، قىلغىنى زەخمەت _ يارا. يارنىڭ يالىسى تۈگىمەس. شىلتاق چاپلانسا، يۇماق تەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
باشقىلارنى قارىلاش، ئەيىبلەش مەقسىتىدە ئويلاپ چىقىرىلغان ئاساسسىز گەپ - سۆز؛ بەتنام، بوھتان، يالا.
تۆھمەت قىلماق.
تۆھمەت تاش يارىدۇ، بايقىمىساڭ باش يارىدۇ (ماقال).