Uyghur→Chinese主要词典
كارناتىك ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
卡尔纳提克战争
kǎ ěr nà tí kè zhàn zhēng
ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھىندىستاننىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى كارناتىك رايونىنى تالىشىپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى، بۇ ئۇرۇش ئۈچ قېتىم بولغان. (1) 1748 - 1746 - يىللىرى، 1740 - يىلى ياۋرۇپادا ئاۋسترىيە تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشى يۈز بېرىپ، تا ھىندىستانغىچە كېڭەيگەن. 1746 - يىلى فرانسيە ئىنگلىزلارنىڭ قولىدىن مادراسنى تارتىۋالغان ھەمدە ئاركوتنىڭ نائىبى (ھۆكۈمرانى) ۋە كارناتىكنىڭ باش ۋالىيسى ئەنۋەر ئۇددىننىڭ قوشۇنىنى يەڭگەن. 1748 - يىلى ئىمزالانغان <ئاچېن سۈلھ شەرتنامىسى> بويىچە مادراس ئەنگلىيىگە ياندۇرۇپ بېرىلگەن. (2) 1749 - 1754 - يىللىرى، 1748 - يىلى ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئاباد ۋە كارناتىك شتاتلىرىدا تەخت ۋارىسلىقى مەسىلىسى كېلىپ چىققان. ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ ھەرقايسىسى بىر تەرەپنى يۆلىگەنلىكتىن ئۇرۇش كېلىپ چىققان. باشتا فرانسىيە يەڭگەن، لېكىن 1751 - يىلى ئەنگلىيىلىك كلايۋ 500 كىشىلىك بىر قوشۇنغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئاركوتنى تارتىۋالغان ھەمدە فرانسىيە قوللىغان چاغدا ساھىب قوشۇنىغا 53 كۈن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئەنگلىيەنىڭ مەغلۇبىيىتىنى غەلىبىگە ئۆزگەرتكەن. 1752 - يىلى ئىنگلىزلار ترىچىنوپولدا يەنە چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن، فرانسىيە قوشۇنى تەسلىم بولغان. 1754 - يىلى ئىككى دۆلەت سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ۋاقتىنچە توختىغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش فرانسىيەنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرغان. (3) 1756 - 1763 - يىللىرى، ياۋرۇپادا 1756 - يىلى يەتتە يىللىق ئۇرۇش پارتلاپ، يەنە بىر قېتىم ھىندىستانغا تۇتاشقان. 1759 - يىلى ئەنگلىيە شىمالىي ساركار رايونىنى تارتىۋالغان ھەمدە ۋاندىۋاش دېڭىز ئۇرۇشىدا فرانسىيە قوشۇنىنى يەڭگەن. ئىككىنچى يىلى ئەنگلىيە پوندىچېررىنى مۇھاسىرە قىلغان. 1761 - يىلى فرانسىيە قوشۇنى تەسلىم بولغان. 1763 - يىلى <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالانغان. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ھىندىستاندىكى ئۈستۈنلۈكىدىن ئايرىلىپ، پەقەت كارىكال، چاندىگار، ماھې، پوندىچېررى ۋە يانائوندىن ئىبارەت بەش مۇداپىئەسىز شەھەرنىلا ساقلاپ قالغان.