Uyghur主要词典
مۇشتاق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئارزۇمەند، ھەۋەسمەن، ئىنتىزار، ئىشتىياق باغلىغان:
دەھر ئارا چۈنكى ئەھل مۇشتاقى،
گۇيا لەب تەشنەلەرگە دۇر ساقى.
ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياخشى كۆرگۈچى، قىزىققۇچى، ئارزۇ - ھەۋەس قىلغۇچى، ئىشتىياق باغلىغان، تىلىگۈچى، جېنىنى ئېتىپ تۇرغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەلەپ، ئۆتۈنچ.
كەلگەن دوستقا تار بولساڭ، كېلەر دوستقا زار بولىسەن. دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەردكە ئىنتىزار بولما. نائەھلىگە مۇشتاق بولما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياخشى كۆرىدىغان، مېھىر قويغان،ئىشتىياق باغلىغان.
ئۇيقۇغا ئامراق ئاز خاتالىشار، ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق. بىرى تاتلىققا ئامراق، بىرى ئاچچىققا خۇشتار. ئەخمەق ئۆزىنى كۆرسىتىشكە خۇشتار. مۇشتاق بولساڭ، مۇشتۇمدىن ساقلان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەك ياخشى كۆرىدىغان، قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان.
ئۆچ
بەك يامان كۆرىدىغان، دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان.
پاقا قوداي گۆشىگە ئامراقمىش. ئىت ئۇرغۇچىسىغا ئامراق. قېرى كالا شاپاققا ئامراق، قېرى ئادەم ئاپئاققا. قايماققا ئامراق كالىغا ئۆچ. بىرى تاتلىققا خۇشتار، بىرى ئاچچىققا مۇشتاق. ئەخمەق ئۆزىنى كۆرسىتىشكە خۇشتار. ئۆچ بولماڭ مۇپتىلا بولارسىز، ئامراق بولماڭ، جۇدا بولارسىز. ئۆچ كۆرسەڭ ئۆچەكىشىدۇ، تار يەردە تىرەجىشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
تەشنالىق، سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتكۈچى، تەقەززا، ئىنتىزار.
مۇشتاق بولماق.
بىر نەچچە كۈن چوڭ توي - تاماشا ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى مۇشتاق ئاشىقلار بىر - بىرىدىن مۇرادلىرىنى ھاسىل قىلىپ ھاتەمگە كۆپلەپ دۇئا قىلىشتى.